دوگلاس ۋايتخەد 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى
[ قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقانOpens in new window ]
. ۋايتخەد ئەپەندى قەشقەردە كۆرگەنلىرىنى ئەنگلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتىدە ئېلان قىلدى.
بۇ يىل مارتتا ئەنگىلىيىدىن ۋېلىسىپىت بىلەن يولغا چىققان ئېكسپېدىتسىيىچى دوگلاس ۋايتخەد، ياۋروپادىكى 10 دۆلەتنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە، ئىران، تۈركمەنىستان ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ يىپەك يولىدىكى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋېلىسىپىتلىك ئېكسپېدىتسىيىدىنى " ۋېلىسىپىت خاتىرىلىرى" تېمىسىدا بۇ يىل مارتتىن بۇيان ئەنگلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتىدە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قەشقەردە كۆرگەنلىرى مەزكۇر گېزىتىنىڭ 1 - دېكابىردىكى سانىغا " ۋېلىسىپىت خاتىرىلىرى: شىنجاڭنىڭ كاپىتالىستىك ئىنقىلابى" تېمىسىدا بېسىلدى.
دوگلاس ۋايتخەد قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى بارماقچى بولغان "ياشلار مېھمانخانىسى" نى تېپىش يولدا تىل بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەرخىل ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇققان ۋە بىر سائەتتەك ئاۋارە بولۇپ ئاخىرى "ساياھەتچىلەر قارشى ئېلىنىدۇ" دېگەن ئىنگلىزچە ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كېلىپ تولىمۇ خۇشال بولغان.
ئۇ مۇنداق يازىدۇ: " قولۇمدىكى ئىنگلىزچە - خىتايچە سۆزلۈك كىتابىغا قايتا قارىۋالغاندىن كېيىن، مۇقەررەر قايمۇقۇش ئىچىدە دۇكانغا كىرىپ كەلدىم. ھالبۇكى، ئەنسىرىشىمنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى."
"كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ئەپەندىم، جانابلىرىغا قانداق ياردىمىم كېرەككىن؟" دەپ قارىشى ئالدى بىر كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان كۈتكۈچى مۇكەممەل 40 يىللاردىكى ئىنگلىزچە پۇراقتا.
ئۆزىنى "مون" دەپ تونۇشتۇرغان كۈتكۈچى يىگىت دوگلاس ۋايتھەدنى بىر مېھمانخانىغا باشلاپ ئاپىرىپ قويغان. دوگلاس ئاخىرىدا سۆزلۈك كىتابى ئېلىپ خىتايچە " رەھمەت " دەپ كۈتكۈچى يىگىتكە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كۈتكۈچى يىگىت سەل تېرىككەن رەۋىشتە: " يوقسۇ ئەپەندىم. ماڭا بۇ گەپنى قىلماڭ. مەن ئۇيغۇرمەن. خىتاي ئەمەس،" دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئاپتور قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق شەھەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ياشايدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن: "ئۇيغۇرلار پەقەت تىل ۋە چىراي - تۇرقى جەھەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردىن خىتايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە خەلق ئىكەن" دەپ يازىدۇ.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇس قاتلىمىنىڭ مەزكۇر زېمىنغا توختاۋسىز كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى سەۋەبىدىن بارغانچە ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ كۈتۈش زالىدا بىر ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى بار بولۇپ، ئۇنى مەزكۇر مېھمانخانىغا باشلاپ كەلگەن كۈتكۈچى ئۇيغۇر يىگىت شۇ ساياھەتچىلەر مەركىزىدە ئىشلىگەن ئىكەن. ئەمما 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېمەيگەن بولغاچقا، ئۇيغۇر يىگىت ساياھەت مەركىزىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلغان.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆزى ئەسلى چۈشمەكچى بولغان ياشلار مېھمانخانىسىنىڭ قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئۇققان ئاپتور، مېھمانخانىنى ئىزدەپ قەدىمىي شەھەر رايونىغا ئۆتكەن ۋە ھەيران قىلغان.
ئاپتور ئۆز ھەيرانلىقى ۋە ئەجەبلىنىشلىرىنى مۇنۇ جۈملىلەرگە مۇجەسسەملىگەن: "مەن ئۆي چېقىش بىلەن تولىمۇ ئالدىراش تراكتورلار توپلاشقان بىر كوچىدىن ئۆتتۈم. بۇ قەدىمىي شەھەر ئەمەستۇ؟ قەدىمىي شەھەر چوقۇم بەك كونا بولۇش كېرەكقۇ؟ بۇ ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى شەھەر، مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن بىرى ۋە شەرق بىلەن غەرب دوقۇرۇشقان، تاۋار ۋە ئىدىيىلەر ئالماشتۇرۇلغان جاي ئىدى. ئۇ تارىخىي شەھەر ئىدى، قوغداپ قېلىش بۇيرۇقىنى شۇنداق ئىجرا قىلامسىلەر؟ سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ تۈزلىمەكچى، شۇنداقمۇ؟"
ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كاپىتالىستىك ئىسلاھات جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمىي قەشقەرنى پۈتۈنلەي بىتچىت قېلىۋېتىدىغانلىقىنى سەزگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: "ئاخشام قەدىمىي قەشقەر رايونىنى تاپالماسلىقىم ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىكەن. ھەر بىر ئاينىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئەگرى يېيىلغان كوچىلار بارا - بارا غايىب بولماقتا ئىكەن. بۇ كوچىلارغا ياندىشىپ، بۇ يەردىكى قۇلۇپسازلار، كاۋاپخانىلار، زەرگەر، گىلەمچى، ياغاچچىلار، چايخانىلار ۋە گىلەم سودىگەرلىرى مەڭگۈلۈك غايىب بولماقتا ئىكەن."
ئېكسپېدىتسىيىچى ئاپتور دوگلاس ۋايتخەد، قەشقەردە پۈتكەن كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قەدىمىي شەھەرنى چېقىپ، ئورنىغا سالغان ئېگىز بىنالار قەشقەرگە مۇئەييەن دەرىجىدە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتنى خۇددى مەدەنىيەت قاراقچىلىقى شەكلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، قەدىمىي شەھەر رايونىغا يېڭىدىن تىكلەنگەن ئۇيغۇرچە پاسوندىكى بەزى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىنتايىن كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ:" مانا بۇ قەشقەر: ئۇ پۈتۈنلەي خىتايچە شەھەرلەرگە تەقلىد قىلىنغان شەھەرگە ئايلىنىپ كېتىشتىن ئىلگىرى، قەشقەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، چاپسان كۈرىۋېلىڭ" دەپ ماقالىسىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.
ۋايتخەد ئەپەندىنىڭ قەشقەردە كۆرگەنلىرى ھەققىدە يېزىلغان بۇ ساياھەت خاتىرىسى قەشقەرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالى بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمىي قەشقەرنىڭ چېقىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ قەدىمىي قەشقەر رايونىنى پۈتۈنلەي چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزگەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تارقاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەدىمىي قەشقەرنىڭ 85 پىرسەنتى چېقىلىپ 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بىناغا يۆتكىلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.