' شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەمكىن شەھىرى قەشقەر '

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپى تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنماقتا. تۈركىيىنىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق ئايلىق ژورناللىرىدىن بىرى بولغان `گەزگىن` ژورنىلىنىڭ 6 - ئايلىق سانىدا `شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەمكىن شەھىرى قەشقەر` ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ ماقالىنى تۈركىيە باشمىنىستىرلىكى ئالىي تەپتىش ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئەسەر ساقا خانىم يازغان. ئۇ ماقالىسىنى 2008 - يىلى قۇربان بايرىمىدا دادىسىنىڭ يۇرتى قەشقەرگە بارغان ۋاقتىدا توپلىغان ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يازغان.

ماقالە 8 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ماقالە مۇنداق باشلانغان: `خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ بىلىنگەن، ئەمما دۇنيادىكى ھەممە كىشى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ تونۇلغان بۇ رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى قەشقەر، قەشقەر تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ تارىخ پۇراپ تۇرىدىغان قەدىمىي بىر شەھەر."

ئۇ ماقالىسىنى ئۆزى قەشقەرگە بارغاندا تارتىپ كەلگەن قەشقەرنىڭ تارىخىي ئويلىرىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بېزىگەن. ئەسەر ساقا خانىم ماقالىسىدا قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. بۇ ماقالىنىڭ تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدىغان `گەزگىن` ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەسەر ساقا خانىم ئۆتكەن يىلى دادىسى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قەشقەر شەھرىنى ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن، 2009 - يىلى 3 - ئايدا `چۈشتىن رىياللىققا شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق بىر فوتوسۈرەت كۆرگەزمىسى ئاچقان ئىدى. بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى.

ئەسەر ساقا خانىم بۇ ھەقتە بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا، 3 - ئايدىن بۈگۈنگىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 7 پارچا ماقالىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ سىرتىدا كۆپ ساندا راديو ۋە تېلېۋىزيەلەردە شەرقىي تۈركىستاننى بولۇپمۇ دادىسى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تارىخى شەھەر قەشقەرنى ئاڭلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.