'خىتاي يەنە بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىش تەھدىتى سېلىۋاتقان پەيتلەردىكى قان ۋە قورقۇنچقا تولغان بەخت كوچىسى' (2)

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى، يەنى 6 - دېكابىر، ئەنگىلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت "خىتاي يەنە بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىش تەھدىتى سېلىۋاتقان پەيتلەردىكى قان ۋە قورقۇنچقا تولغان بەخت كوچىسى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ

ماقالە پېتر خىتچېن تەرىپىدىن يېزىلغانOpens in new window ]

بولۇپ، بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ مەزمۇنىدىن سىلەرنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن، ماقالىنىڭ داۋامىنى سىلەرگە سۇنداۇق.

ئەگەر ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئارىسىدا بىر چېگرا بار دېيىلسە، ئۇ چېگرا دەل مۇشۇ ئۇيغۇر دىيارى

ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدا قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانى بىلەن ئۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، قەشقەرنىڭ تارىخى مەدەنىيەتكە ئىگە بىر شەھەرلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

-- قەشقەر تىبەتتىنمۇ بەك قەدىمى تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بىر شەھەر. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ سۈرئەت بۇ شەھەرنى چېقىشقا داۋام قىلىدىغان بولسا، بىر قانچە يىل ئىچىدىلا قەدىمى قەشقەر رايونى تامامەن غايىب بولىدۇ. مەن بۇ يەرگە دەل ۋاقتىدا كەپتىمەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاللىقاچان كرانلارنىڭ ئاستىدا قاپتۇ.

مەنچە بۇ غايەت زور بىر يوقىتىش.

-- بۇ يەرلەر ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ ۋە تومۇرلەڭنىڭ ئايىغى تەگكەن يەرلەر. كىچىك - كىچىك قىلىپ لايدا قوپۇرۇلغان بۇ ئۆيلەرنى ئوز ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مەخپىي يوللىرى بار بولۇپ، مانا مۇشۇ ئۆيلەردە كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئوغرى بۇلاڭچىدىن، تاجاۋۇزچىلاردىن قوغداپ كەلگەن.

-- غايەت زور بىر چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بۇ ماكاننىڭ ئەتراپى بولسا پۈتۈنلەي ئۈزۈملۈك ۋە مېۋىلىك باغلار بىلەن ئورالغان.

ئاپتور قەدىمىي كوچىلارنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

-- شۇ يەرلىك ئاھالىنىڭ بىرسىى ماڭا يول باشلىشى بىلەن مەن كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان كوچىلارغا كىردىم. بۇ كوچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى چوقۇم بەك بىئارام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. چۈنكى، بۇ تار كوچىلارغا تانكا ۋە باشقا ھەربىي ماشىنىلارنىڭ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا بىر پىيادە چارلىغۇچىمۇ بۇ كوچىغا كىرگىنىدە ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ئىكەن.

-- بىز 5 كوچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن باشقا بىر تار كوچىغا كەلدۇق. ئۇ يەردە كىشىلەر قۇربانلىق قىلىدىغان قويلارنى تۇتۇشۇپ تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن بىرسىى ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن مەككىگە قاراپ تۇرۇپ بىر قۇربانلىق قوينى سويدى. ئۇ، قوينى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سويۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا ھەممە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قوي سويالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

-- تولىمۇ مېھماندوست، دوستانە بولغان بۇ ئۇيغۇرلار مېنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلار 2000 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئادىتىنىڭ يوقىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن تولىمۇ ئۆكۈنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

"بىزنىڭ بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرغۇمىز يوق، بىز بۇ يەردە ھەممىمىز مۇشۇنداق ئۆم - ئىناق ياشايمىز. قوشنىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشىمىز، مۇڭدىشىمىز. ھەتتا دەرۋازىلىرىمىزنىمۇ تاقىمايمىز. ئەمما بىنا ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن ئۇنداق قىلالمايمىز. پۈتۈنلەي تاقاق ئىشىكلەرنىڭ ئارىسىدا ياشايسىز، يەنى ھاياتلىق تۈگىدى دېگەن گەپ."

-- مانا بۇلار خىتايدا كۈنسايىن ئارتىپ بېرىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زامانىۋىلىشىشنىڭ قۇربانلىرى ئىدى.

ئاپتور پېتىر خىتچېن يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

-- خىتايدىكى ھەممە شەھەر خۇددى لاس ۋېگاسكا ئوخشىتىپ قويۇلغان. ھەممە يەر 6 يوللۇق ئۆتۈشمە كوچىلار، مېھمانسارايلار ۋە چەتئەل ماركىلىرى بىلەن تولغان سودا - سارايلار بىلەن تولۇپ كەتكەن. يول - يوللاردا ئەخلەت، بىنالارنىڭ بوياقلىرى چىقىپ داغ بولۇپ كەتكەن. قەشقەرنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىمۇ بەئەينى مۇشۇنداق.

-- گەرچە خىتايدىكى بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە چەتئەللىكلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىش پىلانىغا قاتتىق قارشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ نىيىتىدىن يانماپتۇ. ئۇلار قەدىمىي شەھەرنى پۈتۈنلەي ئۆرۈپ تۈزلىۋېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

-- قەدىمى شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا "خەتەرلىك" دەپ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقنىڭ بىر باھانىسى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۆيلەرنى "يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەس" دېگەن باھانە بىلەن چاقماقتا. ئەمما 2008 ۋە 2009 - يىللىرىدا سىچۈەن ۋە يۈننەندىكى يەر تەۋرەشتە خىتايلار سالغان ئۆيلەر بولۇپمۇ مەكتەپ بىنالىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.

پېتىر خىتچېن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەمسىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بارا - بارا ئىمپېرىيە بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

-- ئەگەر ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئارىسىدا بىر چېگرا بار دېيىلسە، ئۇ چېگرا دەل مۇشۇ ئۇيغۇر دىيارى. شىنجاڭنىڭ مەنىسى يېڭى تۇپراق دېگەنلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۇپراقلارنى بېسىۋالغان.

-- ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى تۈركچىگە ئىنتايىن يېقىن. ئۇيغۇر دىيارى ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە تىبەت قاتارلىقلار بىلەن چېگرىداش. ئۈرۈمچى بازارلىرىدا رۇسچە، ئەرەبچە ۋە خىتايچە خەتلەرنىڭ ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى. ئەمما خىتاي مول نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر رايونىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ.

-- قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىزغا چىققىنىمدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

-- ھازىر دۇنيادا ھېچكىم خىتايدەك تۆمۈر يولى ياسىمايدۇ. دۇنيادىكى باشقا ئىمپېريالىسىت كۈچلەر ئاجىزلاپ، بىر - بىرلەپ ھالاك بولغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتاي بولسا ئاستا - ئاستا نومۇسسىزلارچە ئىمپېريالىستلىققا قاراپ كېتىۋاتماقتا.

-- خىتاي تېز تەرەققىي قىلىپ باي بولدى، دۇنيا سەھنىسىدىمۇ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما ئۇنىڭدا ئەركىنلىكتىن ئەسەر يوق. ئەلمىساقتىن بېرى دۇنيادا تېخى بۇنداق بىر دۆلەت كۆرۈلۈپ باقمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.