' قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى بىر تارىخنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشتۇر '

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى، كالىفورنىيىلىك مىرىئام ج ۋودىس خانىمدۇر. قەشقەرنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە خەۋەرلەر مەيدانغا چىققاندىن كىيىن، مىرىئام ج ۋودىس خانىم قەدىمىي قەشقەرنى چېقىلىشتىن توسۇپ قېلىش ئۇچۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋە بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرىغا مەكتۇپ يوللاش ۋە توردا ئىمزا توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا ئىدى.

0:00 / 0:00


قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىش كۆلىمى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر شەھەر رايونىدىن 200 مىڭ نوپۇسنىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قەشقەرنى چېقىلىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق مىرىئام ج ۋودىس خانىم، گەرچە قەشقەر مۇھىم شەھەر بولسىمۇ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بۇ رايونغا بولغان تونۇشىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا قەشقەرنىڭ چىقىلىشىنى توسۇپ قېلىشتا جامائەت پىكىر توپلاش ئۈچۈن ئۇشبۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

"مىرىئام خانىم: مەن قەشقەرنىڭ چېقىلىپ كېتىشىنى خالىمايمەن. قەشقەر مۇھىم شەھەر ۋە ئۇ مۇھىم رايون. شۇنداقتىمۇ، بۇ رايون كۆپىنچە ھاللاردا غەرب دۇنياسىدا سەل قارىلىپ كېلىندى ۋە كىشىلەر بۇ رايونغا كۆپ ئېتىبار بېرىلمىدى."

مىرىئام ۋودىس خانىم: " بۇ چارىلەر خىتاينى قىلىۋاتقان ئىشىدىن خىجىل قىلدۇرۇپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشىنى توختىتالىسا ۋە ياكى پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلالىسىلا شۇ كۇپايە."

مىرىئام ۋودىس خانىم يەنە، ئۆزىنىڭمۇ قەشقەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن ماقالە ئارقىلىق ۋاقىپ بولغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا بۇ ھەقتە مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى، گەرچە بۇلاردىن بەك زور ئۈمىد كۈتۈپ كەتمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ باشقا ئامېرىكىلىقلارنى بۇ ھەقتە خەۋەرلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"مەن ھازىر ئۇلارنىڭ قەشقەرنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە جامائەت ئالدىدا پىكىر بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر بۇ چارىلەر خىتاينى قىلىۋاتقان ئىشىدىن خىجىل قىلدۇرۇپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشىنى توختىتالىسا ۋە ياكى پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلالىسىلا شۇ كۇپايە."

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى چېقىشقا كۆرسەتكەن باھانىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئەگەر يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرسە بەرداشلىق بېرىلمەيدىغانلىقى، شۇڭا بۇ شەھەرنى پۈتۈنلەي چېقىپ ئورنىغا يېڭىچە ئولتۇراق ئۆيلەرنى بەرپا قېلىش ئىدى.

مىرىئام ج ۋودىس : "قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشى بولسا بىر مەدەنىيەتنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ۋە بىر تارىخنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۇچۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت"

بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويغان مىرىئام ۋودىس خانىم، "بۇ پەقەت ئاساسسىز سەۋەب. چۈنكى بۇ ئۆيلەر بۇ رايوندا نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى مەۋجۇت ئىدى. بۇنىڭدا چوقۇم بىر سەۋەب بار. مەنچە بۇ ھەرگىزمۇ يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېقىپ يۆتكەش ئەمەس. بۇ يەردىكى يوشۇرۇن قوزغاتقۇچ كۈچ بولسا، بىر مەدەنىيەتنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ۋە بىر تارىخنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۇچۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت. بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ. لېكىن ئادەمنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، بۇنى توسۇپ قىلىش ئۇچۇن ھېچكىمنىڭ بىرەر ئىش قىلماسلىقى،" دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، قەشقەرنىڭ چېقىلىشى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ شۇ ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تېڭىش غەرىزى ئاشكارىلانغان.

مىرىئام ۋودىس خانىم قەدىمىي قەشقەر رايونىنىڭ چېقىلىشى شەكىل ۋە سىياسىي مەۋقە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا 2001 - يىلى تالىبان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پارتلىتىپ تۈزلىۋېتىلگەن بۇددا باميان ( باميان بۇددىلىرى) غا ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، تارىخى يوقىتىش جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ " بۇلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئوخشاش. پۈتۈن دۇنيا تارىخنىڭ بۇ قىسمىدىن ئايرىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى باغلاپ تۇرىدىغان بىر رىشتىدىن ئايرىلىدۇ. يەرلىكلەرمۇ شۇنىڭغا يارىشا زىيان تارتىدۇ. بۇ ئورۇنلار ساياھەتگاھلاردىن ئىدى،" دېدى.

مىرىئام ۋودىس خانىم بۇ ھەقتە يەنە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مىرىئام ۋودىس خانىم قەشقەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان توردا ئىمزا توپلاش مۇراجىئەتنامىسى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە "ئەمدى مەقسەت، بۇ مۇراجىئەتنامىغا 1000 ئىمزا توپلاش. بۇندىن كېيىن مەن يەنە، كالىفورنىيە تەۋەسىدىن بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋە كالىفورنىيە ۋەكىللىرىگە مەزكۇر مەسىلە خۇسۇسىدا تېلېفون قىلىشىنى پىلان قىلىۋاتىمەن. بەلكىم بۇ مۇراجىئەتنامە قەشقەر مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قېلىشقا يېتىپ قالا،" دېدى.

مىرىئام ۋودىس خانىم ئىلگىرى ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان رىد ئىنستىتۇتىدا سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە پاشتۇن تىللىرى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. مىرىئام ۋودىس خانىم ھازىر كالىفورنىيىدە ياشايدۇ.