يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە 470 مىڭ نوپۇس ئاساسىغا ئىگە قەشقەر شەھىرىنى، 100 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە كېڭەيتىپ، نوپۇسىنى بىر مىليوندىن ئاشقان دۇنياۋى خەلقارالاشقان چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشىغا رەسمىي ئىش باشلىدى.
قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە «قەشقەرنى شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش» جەرياندىكى ئەڭ روشەن ئالامەت شۇكى، قەشقەردە ئادەم يەنى خىتاي نوپۇسى جىددىي كۆپەيمەكتە، ئۆي باھاسى ۋە مال باھاسى ئۆرلىمەكتە ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمىي ماكانىنى شېنجېنغا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە«بىر يىلدا بىر ئۆزگىرىش، ئۈچ يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بەش يىلدا نەتىجىسىنى كۆرۈش» نىشانى بويىچە جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. تەشۋىقاتلىرىدا«شەرقتە شېنجېن بار غەربتە قەشقەر» دېگەن شوئارىنى تىلغا ئالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانىنى قەشقەرنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ كۆرسەتمەكتە. بەلكىم خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا قەشقەر تەرەققىي قىلىپ خەلقارالاشقان سودا مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەقىقيات ئارقىلىق بۇ مۇقىمسىز رايونغا مۇقىملىق ئەكەلمەكچى»، «بېيجىڭ قەشقەرنى جۇڭگونىڭ ئۇتتۇر ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېكسپورت بازىرى شۇنداقلا چەتئەل بازارلىرىنى كېڭەيتىدىغان كۆزنەك قىلماقچى»، «قەشقەر شېنجېن بولالمايدۇ، مۇقىمسىزلىق قەشقەرنىڭ تاشقى سودىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەندەك باھالارنى بېرىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «قەشقەرنى شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يالىڭاچ ئەمىلىلەشتۈرۈلىشى»، «نوپۇس، ياد مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلماقچى»، «قەشقەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرى، مەدەنىيىتى ۋە بارلىقىدىن خىتايلار مەنپەئەتلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، مۇقىمسىزلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ» دېگەن ئەندىشىلەرنى ئىپادىلىمەكتە.
ئالدىنقى پروگراممىمىزدا قەشقەر ئوبراز ئەلچىسى ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا ئېيتقاندەك، بۇ تەرەققىيات قەشقەرنىڭ ئەسلى قەدىمى ۋە مەدەنىيىتىنى بەربات قىلىشنىڭ ئورنىغا ۋە يەنە نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا بۇ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بىر پىلان بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەممىنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى.
ھالبۇكى، قەشقەرنى شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش پىلانى ئىش باشلىغاندىن بۇيانقى قەشقەر شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالساق، ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش شۇكى مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ كىرىشىگە ئەگىشىپ خىتاي نوپۇسىنىڭمۇ بىللە ئېقىپ كىرىشى.
بۇنى بىز قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىساد رايون تورىدا بۇ يىل-7 ئايدا بېرىلگەن ئۇچۇردىنلا كۆرۈۋالالايمىز. يەنى ئۇنىڭدا «قەشقەرنىڭ ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇىرۇلۇشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادىي پۇرسەت ۋە پۇل تېپىش قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ۋىنجۇلۇق سودىگەرلەر بىر قېتىمدىلا قەشقەردىن 200 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى» دېيىلگەن.
قەشقەر ئۆي مۈلۈك تورىدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا 2009-يىلى قەشقەر شەھەر مەركىزى رايونىدىكى يېڭى ئولتۇراق بىنا ئۆيلەرنىڭ ھەر كۇۋادىراتىنىڭ باھاسى 1110 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە بولغان بولسا ھازىر 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولۇۋاتقان بولۇپ يەنە داۋاملىق ئۆرلىمەكتە ئىكەن.
قەشقەر شەھەر ئىچىدە نوپۇس جىقلاپ كەتكەچكە، ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئۆيىنى سېتىپ ناھىيىگە كۆچۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر، «قەشقەر شەھىرىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش شۇكى قۇرۇلۇش ۋە ئادەمنىڭ كۆپىيىشى» دېدى.
قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچى، قەشقەر شېنجېنغا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۇلسا، ئۆزىگە ئوخشاش تىجارەتچىلەرگىمۇ ئاز تولا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولسىمۇ ئەمما خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ مال باھالىرىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەشقەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قەشقەردە ھازىر بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشنى «ئادەمنىڭ جىقلىشى» يەنى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا ئايلاندۇرۇشتا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىتاي ئۆلكە شەھەرلەردىكى كارخانا شۇنداقلا پۈتۈن خىتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتا نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويماقتا.
تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ھەر قانداق ئاققۇن خىتاينى بارلىق ئىجتىمائىي كاپالەتلەردىن يەرلىك نوپۇسقا ئوخشاش بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكا تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا تۈزۈمى» نى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىشىگە يەنىمۇ قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.