قەشقەردە 30-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى ۋەھىمە پەيدا قىلدى

نۆۋەتتە قەشقەردە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنىڭ، 30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئىيۇل كېچە سائەت 10 لار ئەتراپىدا قەشقەر «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسى يېنىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

بۇ خەۋەر چارشەنبە كۈنى ئەڭ ئاۋۋال خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىنباۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، 30-ئىيۇل قەشقەر يېڭى بازاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، قەشقەر شەھىرىدىكى «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدا بىر كىچىك ئاپتوموبىل پارتلاپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە يەنە قەشقەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 30-ئىيۇل كېچىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنى 30-ئىيۇل ھەم 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن «يېڭى بازار ۋەقەسى» نى پەيدا قىلغۇچىلار بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، بۇ پارتلاشنىڭ قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىلا ئەمەس ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رادىئويىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسى يېنىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىدە 3 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، پارتلاشتا يارىلانغان ئىككىيلەننى ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن.

قەشقەردىن رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ فامىلىلىك خىتاي پۇقراسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن. ئەمما، كوچا خەۋەرلىرىدە، 30-ئىيۇل شەنبە كۈنى كېچىدە 5 نەپەر ئۇيغۇر ئولتۇرغان «چاڭئەن» ماركىلىق بىر ئاپتوموبىلنىڭ قەشقەر «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىپ، پارتلاشتا 3 ئادەم ئۆلگەنلىكى، يارىلانغان ئىككىيلەننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان.

جاڭ فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى يەنە ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشىغا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قولدا ياسىغان بومبىنىڭ مۇددەتتىن ئىلگىرى پارتلاپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھازىر قەشقەردە ئېقىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە 30-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن بۇ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ يېڭى بازاردا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئوخشاشلا خىتايلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقىنى، ھازىر قەشقەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان سىرتقا چىقالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسىنىڭ بىر نەپەر ئايان خىزمەتچىسى بولسا، پارتلاشنىڭ 30-ئىيۇل كۈنى كېچە سائەت 9دىن ئاشقاندا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەينى چاغدا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىنى، كېيىن ساقچىلار ھەم ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇققانلىقىنى، ۋەقەدە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بىر ئادەم ئۆلگەندىن باشقا يارىلانغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر يەكەندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان تېلېۋىزورلاردا قەشقەردىكى ۋەقە ھەققىدە توختىماي خەۋەر بېرىلىۋاتقانلىقىنى، خەۋەرلەردە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ تېررورچىلار دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم ئۆز بايانىدا يەنە، نۆۋەتتە يەكەن بىلەن قەشقەر ئارىسىدىكى قاتناشنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى، يەكەندىمۇ تەكشۈرۈشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىمۇ ئۈرۈمچىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ قاتناش بېكىتىدە ئوخشاش پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن باشقا، ئۈرۈمچىدە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، بۇ خىل كوچا خەۋەرلىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خو فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن ۋەھىمىلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈرۈمچىنى ۋەھىمە قاپلاپ كەتتى. بىز دەسلەپ ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا بىر ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. بىز ھازىر نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدۇق. بېزىلەر ئۈرۈمچىدىمۇ 10 نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپتۇ دېسە، يەنە بېزىلەر چوڭ ماجىرا بوپتۇ دېيىشىۋاتىدۇ. بىز كوچىغا چىقىشتىمۇ ئەنسىرەۋاتىمىز.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى 30-،31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 14 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 43 ئادەم يارىلانغانلىقى، ھۇجۇمچىلاردىن 6 كىشىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىنىپ، 5 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى يەنە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تېررورچىلىرى پەيدا قىلغان» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇ چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قەشقەر ۋەقەسىنىڭ» يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.