ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، گەرچە قەشقەردىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەزكۇر ئالىي ئىلىم يۇرتىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەكتەپتىكى خىتايلارنىڭ ئىگىلىگەن شتات نىسبىتى ئىنتايىن تېز ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدىن سانىلىدىغان قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بىردىن - بىر پىداگوگىكا كەسپى مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ. 1962 - يىلى دەسلەپ بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان زىيالىيلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن كەسپىي ئالىي تېخنىكوم بولۇپ قۇرۇلغان بولسا، 1978 - يىلى تولۇق كۇرسلۇق ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلانغان. شۇنداقلا 2003 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئاسپىرانتلار تەربىيىلىنىشكە باشلىدى. ھازىر بۇ مەكتەپ 25 خىل كەسپ ۋە فاكۇلتىتتىن تەركىپ تاپقان، ئوقۇتۇش ھەر جەھەتتە زامانىۋىيلاشقان ئالىي مەكتەپ ھەمدە تەتقىقات ئىنىستىتوتى بولۇپ شەكىللەنگەن. مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۇيغۇرلارنىڭ غوللۇق زىيالىيلار قوشۇنىغا ئىگە داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ سېپىنى ئاساس قىلىپ نۇرغۇن ساھەلەرگە، يۇقىرى ئىلىم بىلەن ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ كەلگەن.
قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىمۇ پەقەت خىتايچە بولۇپ، مەزكۇر تور بەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر مەكتەپتىكى بار بولغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلار سانى 11 مىڭ 127 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 76.1% نى ئىگىلەيدىكەن. شتاتتىكى بار بولغان ئوقۇتقۇچى سانى 983 نەپەر بولۇپ، گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بولسىمۇ، مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار نىسبىتى تەڭ ئىكەن.
شۇنداقلا ئىنستىتۇتنىڭ 2009 - يىلى قوبۇل قىلىدىغان 34 نەپەر يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ سانى ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ تەڭ نىسبەتتە ئىكەن.
بىز پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىگەن ھالەتتە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا نېمە ئۈچۈن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىق سەۋەبىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى مۇدىرىغا تېلېفون ئاچتۇق، مۇدىر بەختىيار تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، سوئاللىرىمىزغا تولۇق جاۋاب بەرمىدى.
مەزكۇر مەكتەپتە ئىلگىرى ئوقۇغان ھەمدە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپ قۇرۇلۇپ نەچچە ئون يىل پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ كەلگەن. خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ماس ھالدا ئىنتايىن ئاز بولغان.
2003 - يىلى رەسمىي ئىنستىتۇت بولۇپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىدىن باشقا كەسپلەرنى خىتايچە ئۆتۈش سىياسىتى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، مەزكۇر مەكتەپتىمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئارتىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى پارتكوم سېكرىتارلىقى، مەكتەپ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئورۇننى خىتاي، قالغان ئۈچ ئورۇننى ئۇيغۇر كادىرلار ئىگىلىگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا، ئىستانسىمىز قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مەكتەپتىكى 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچى بولۇپ جەمى 17 كىشىنى خىزمەتتىن بوشىتىش ھەققىدىكى 34 - نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئىگە بولغان ئىدۇق، مەزكۇر ھۆججەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ مەكتەپتىن قوغلانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىم ھەم ئوقۇش تارىخى كەسپى ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
ھەمراگۈل - ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئوبۇلقاسىم - بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، شىرئەلى - شىنجاڭ دېھقانچىلىق ئۇنىۋېرستېتى مۇھىت ئاسراش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئاينۇر - نەنجىڭ ئۇنىۋېرستېتى كومپيوتېر ئۇچۇر كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئوسمانجان بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى پىسخولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
بۇ 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ياكى ئاسپىراتلىقنى پۈتتۈرگەن، ئىنتايىن ئىقتىساسلىق ياش بىلىم ئىگىلىرى بولسىمۇ، قەشقەر ئىنىستىتوتىدىكى خىتاي مەسئۇللار ئۇلارنى سىناق مەزگىلىدە لاياقەتسىز باھالاندى دەپ ئىشتىن بوشاتقان.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ 15 نەپەر ئىشتىن بوشىتىلغان ئۇيغۇر ياش ئوقۇتقۇچىلار ئەسلى مەكتەپكە 2006 - يىلى 7 - ئايدا بىر تۇتاش ئۈچ يىللىق توختام بىلەن ئېلىنغان، خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا ئەمگەك توختامىدا سىناق مۇددىتى بەلگىلەش، سىناق مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك بەلگىلەنگەن. ھالبۇكى مەكتەپ پارتكومى بۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن سىناق مەزگىلىدە لاياقەتسىز بولدۇڭ دېگەن باھانە كۆرسىتىپ مۇنبەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان.
بىز قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر بولۇپ تەڭ نىسبەتتە جەمئىي 34 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىن ئىلگىرى بىراقلا بوشىتىلغان بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بۇ مەكتەپتىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، بەلكىم ئۇلارنىڭ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى ھېكايىلىرى بىزگە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
بۇ 15 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئىچىدە بىز ئالاقىلەشقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ قېتىمقى ئىشتىن بوشىتىلىش، ھازىرغا قەدەر بۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېيىن خىزمەت تېپىشى، تۇرمۇشى، روھىي، پۈتكۈل ھاياتىغا قارا سايە تاشلاپ كەلمەكتە.
ئىگىلىشىمىزچە 2008 - يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىشتىن بوشاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئايال ئوقۇتقۇچى شۇ چاغدا ھامىلدار بولۇپ، ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ئۇلار تېڭىرقاش، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، ھەتتا ھامىلىسىنى ھېچقانداق ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بۇ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىشنىمۇ خالىمىغان.
ئەسلى خىتاينىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ھەمدە ئەمگەك قانۇنلىرىدا "ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئېغىر ئاياغ مەزگىلىدە، بالا ئىمىتىۋاتقاندا ئىشتىن بوشىتىشقا بولمايدۇ..." دېگەنلەر بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ھالبۇكى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكومى دۆلەتنىڭ قانۇنىنىمۇ كۆزگە ئىلماستىن، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن قوغلىغان ئىكەن.
ناھەق ھالدا ئىشتىن قوغلانغان بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئەتىكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە سۇنىمىز.