قەشقەر پويىز ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىدا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت بولماسلىقى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلدى

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر پويىز ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملار خىتاي مىللىتىدىن بولغىنى ئۈچۈن پويىز بېلىتى ئېلىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار بېلەت ئېلىشتا تەرجىمان ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.17
lopnur-xitay-poyiz-305.jpg خىتاينىڭ لوپنۇرغا قاتنايدىغان پويىزى يولغا چىقىش ئالدىدا
RFA/Batur

قەشقەر پويىز ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنى يەنە، بېلەت ساتقۇچى خىتاي خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۆز مەقسىتىنى خىتايچە ئۇقتۇرالمىغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل ئۆكسۈمەيدىغان جايغا ئايلانغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئوقۇغۇچى بۇ يىل قەشقەر پويىز ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بېلەت سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، بۇ جايدا بىرمۇ ئۇيغۇر خادىمنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان. ھالبۇكى، قەشقەر پويىز ۋوگزالىدا بېلەت سېلىۋېلىشقا كەلگەنلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى قەشقەر ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي تىلىدا ئۆز مەقسىتىنى بىلدۈرەلمەيدىغان ئۇيغۇرلار پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋوگزالدىكى بېلەت ساتىدىغان خىتاي خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر يولۇچىلارغا تۇتقان قوپال مۇئامىلىسى ۋە سەۋرسىزلىكى ھەر دائىم بىلەت ساتقۇچى خادىملار بىلەن ئۆز مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان جېدەل-ماجىرالارغا سەۋەب بولغان.

ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىنكاس يازغان ئوقۇغۇچى مۇنداق بايانلارنى بەرگەن:
« قەشقەردە ماڭا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغىنى، بۇ يەردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى ۋە ئۇيغۇر خادىملارنىڭ بولماسلىقى بولدى. مەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بېلىتى ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر ۋوگزالىغا كەلدىم. كۆردۈمكى، ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇر بولغان قەشقەردەك جايدىكى پويىز ئىستانسىسىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار ئىكەن. قەشقەرگە پويىز قاتنىغاندىن بۇيان بۇ جايدىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنىڭ قاتناش سانى ئازىيىپتۇ. قەشقەردە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار كۆتۈرە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلار بار ئىدى. ئەمما 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگىنى ئۈچۈن، ئىلگىرىكىدەك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنى كۆتۈرە ئېلىپ كىراكەشلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئازىيىپتۇ. شۇڭا ھازىر قەشقەر ۋە ئەتراپتىكى ناھىيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پويىز بېلىتى ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر ۋوگزالىغا كېلىشكە مەجبۇر ئىكەن. ئەمما پويىز بېلىتى ئالغىلى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغىنى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇشقا ياردەملىشىدىغان تەرجىمان مەسىلىسى ئىكەن. شۇ كۈنى مەن بېلەت ئالغىلى كەلگىنىمدە مەندىن خىتاي تىلى تەرجىمانى بولۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن 4 كىشىگە پويىز بېلىتى ئېلىپ بەردىم. ئەمما كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى، قەشقەردەك ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان جايدىكى پويىز ۋوگزالىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى، بېلەت سېتىش ئورنىدا ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان خىزمەتچى خادىمنىڭمۇ يوقلۇقى بولدى. »

بۇ ئوقۇغۇچى يەنە ئۆزىنىڭ بېلەت ئېلىش جەريانىدا پويىز بېلىتى ساتقۇچى خادىم بىلەن بولۇپ ئۆتكەن جېدەلنى بايان قىلىپ مۇنداق يازغان:

«مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ خەنزۇچەم ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى، ئەمما شۇ كۈنى بېلەت سېتىۋېلىش جەريانىدا مېنىڭ ئۆز يۇرتۇم قەشقەردە ئۇيغۇرچە سۆزلىگۈم كەلدى. شۇڭا پويىز بېلىتى ساتقۇچى خەنزۇ ئايالغا ئۆزۈمگە بىر دانە يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق پويىز بېلىتى ئالىدىغانلىقىمنى ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم. مەقسىتىم ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش، ئەگەر بۇ خادىم ئۇيغۇرچە بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، بېلەت سېتىش ئورنىغا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر خىزمەتچى خادىمنى كېلىشكە مەجبۇر قىلىش ئىدى. ئەمما ئەھۋال كۈتكىنىمنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولدى. بېلەت ساتقۇچى خەنزۇ ئايال مېنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزۈمگە قارىتا قوپاللىق بىلەن خىتاي تىلىدا قايتا سوئال سورىدى:
-نەچچە بېلەت ئالىسەن؟ يۇمشاق ئورۇندۇقلۇقمۇ ياكى قاتتىق ئورۇندۇقلۇقمۇ؟ خەنزۇچە سۆزلە ياكى تەرجىمان تېپىپ كەل. گېپىڭنى چۈشەنمىدىم.

مەن گېپىمنى يەنە ئۇيغۇرچە تەكرارلىدىم. ئەمدى بۇ خەنزۇ ئايال تېرىكىشكە باشلىدى-دە، ۋارقىراپ كەتتى:
-گېپىڭنى ئۇقمىدىم، تەرجىمان تېپىپ كېلىپ ئاندىن بېلەت ئال!

ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئاچچىقىمنى كەلتۈردى، ئەمما مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ گېپىمنى يەنە ئۇيغۇرچە تەكرارلىدىم.
ئەمدى بۇ ئايال بىزارلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتاي تىلىدا ماڭا ۋارقىراپ:
-نېرى تۇر، ساقلا،‏ -دېدى-دە، مېنىڭ كەينىمدىكى ئۇيغۇر كىشىدىن خەنزۇ تىلىدا قوپاللىق ھەم بىزارلىق بىلەن سورىدى:
-نەچچە بىلەت ئالىسەن؟ كىملىكىڭ قېنى؟

ئۇنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى بەكلا ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. مەن ئەمدى خەنزۇچە سۆزلىدىم:
-بۇ قانداق پوزىتسىيە، سىلەردە ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار يوقمۇ؟ بىلەت ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن. ئەمما قەشقەردەك بۇ جايدا نېمىشقا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت يوق؟ باشلىقىڭنى چاقىر مەن سۆزلىشىمەن.

مېنىڭ خەنزۇچە سۆزلىگىنىمنى كۆرۈپ بۇ ئايالنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى:
-سەن خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدىكەنسەنغۇ، نېمىشقا خەنزۇچە سۆزلىمەيسەن؟ سەن قەستەن جېدەل چىقارماقچىمۇ؟...

مېنىڭمۇ جۇدۇنۇم تۇتتى. مەنمۇ ئەمدى ئۇنىڭغا خەنزۇچە ۋارقىرىدىم.
-شۇنداق، مەن خەنزۇچە بىلىمەن، ئەمما بۇ قەشقەر، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. بۇ يەردە ئۇيغۇرچە بىلىش شەرت. بۇ يەردە بىلەت سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار، شۇڭا سېنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىشىڭ ۋە ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت قىلىشىڭ شەرت. ئەجەبا بۇنى بىلمەمسەن؟!

ئەتراپىمىزغا توپلانغانلار بارغانچە كۆپەيدى. يېنىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ گەپلىرىم ئۈچۈن خۇش بولسا، يەنە بېزىلەر مەندىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ھەتتا بېزىلەر جېدەلنىڭ يەنىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مېنى بۇ خەنزۇ ئايال بىلەن تەڭ بولماسلىققا ئۈندەشكە باشلىدى. بېلەت سېتىش ئورنىدىكى خەنزۇ خىزمەتچىلەر بولسا بىر-بىرىگە قارىغىنىچە جىممىدە بولۇشتى. ئۇلارنىڭ باشلىقى بولسا كېرەك، بىرەيلەن كېلىپ، مەندىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىنلا جېدەل بېسىلدى. بۇ ئادەم ماڭا قەشقەر ۋوگزالىدا ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە ئىككى تىللىق مۇلازىمەت بارلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئەمما بېلەت سېتىش ئورنىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى....»

ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىمۇ قەشقەر پويىز ۋوگزالىدا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت يوقلۇقى ھەققىدە ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدۇق. بۇلتۇر ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەرلەردىمۇ، قەشقەردىكى پويىز ۋوگزالىدىكى رادىئو مۇلازىمىتىدە پويىزنىڭ كېلىش ۋاقتى ھەم يولۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ خىتاي تىلىدا ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى، ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان پويىزدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىدا ئەمەلىيەتتە خىتاي ئاشپەزلەر تاماق ئېتىدىغانلىقى ئۈچۈن پويىزدىكى ئۇيغۇر يولۇچىلارنىڭ نەچچە سوتكا داۋاملىشىدىغان ئۇزۇن سەپەردە ئۆزلىرى ئېلىۋالغان نان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى بېرىلگەن ئىدى.

بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا، قەشقەر پويىز ۋوگزالىدىكى مۇلازىمەت ھەققىدە ئىگىلىگەن يېڭى ئۇچۇرلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى شۇنداقلا بۇ ئەھۋال ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.