گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى "قەشقەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش" چاقىرىقى ئاستىدا ئېلىپ بارغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى بۇ قۇرۇلۇش دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي بىر مەدەنىيەت ۋە تارىخنى يوقىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك، ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان "غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر"ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى بىردىنلا غەرب مەتبۇئاتلىرىدا قايتىدىن دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان بىر تېمىغا ئايلانغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان " ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى" ناملىق خەۋەردە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن "غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر"ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي زىيالىيسى ياڭ جيېمېينىڭ "خىتايلار ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ جاسارەتلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز خىتايلار بولساق ھېچنېمە قىلالماي، 5 مىڭ يىللىق خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىشىغا يول قويدۇق" دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.
ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ تېمىغا كەڭ ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پات ئارىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
"غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر"ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئايلاردىن بېرى كۆپ ئەجىر سەرپ قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق، د ئۇ ق نىڭ قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى قوغداپ قېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ ۋەيران قىلىنىش مەسىلىسىنى د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.