قەشقەر شامالۋاغ يېزىسىدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىندى

يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنىپ، چېقىۋېتىلگەن ئۆي-زېمىن داۋاسى ئۈچۈن قەشقەر شامالۋاغدىن بېيجىڭغا كەلگەن 7 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار ئىچىدىكى ئابدۇخالىق ھوشۇر ۋە مەمتىمىن قادىرلار 31-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان، قەشقەر شامالۋاغ يېزىسىدىكى ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن 100 نەچچە ئائىلە ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولۇپ، بېيجىڭغا كەلگەن 7 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، رادىئومىز ئەرزدارلارنىڭ 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى.

قەشقەر شامالۋاغ يېزىسىدىن بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن مەريەمگۈل، ئابدۇغېنى قاتارلىقلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئەرزدارلاردىن ئابدۇخالىق ھوشۇر، مەمتىمىن قادىر قاتارلىق ئىككىيلەن بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، مەلۇم ساقچىخانىغا قاماپ قويۇلغان.

مەريەمگۈل خانىم ۋە ئابدۇغېنى ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە قەشقەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە شامالۋاغ يېزىسىدىن كەلگەن ئالىمجان قاتارلىق كادىرلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئەرزدارلارنىڭ قەشقەرگە قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ يول خىراجىتىنى كۆتۈرۈشكە ۋەدە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىپ،ئۇلارنى قورقۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزلىرىنىڭ قەشقەردىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن شامالۋاغ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئالىمجان قاتارلىق ئالتە نەپەر يېزا كادىرلىرىدىن ۋە بېيجىڭ ساقچىلىرىدىن قېچىپ مۆكۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەريەمگۈل خانىم، ئۆزلىرى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىرەر ئورۇن چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرى قەشقەر شامالۋاغدىكى ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 100 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئاشكارىلاش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇغېنى ئەپەندى ۋە مەريەمگۈل خانىمنىڭ بايانى شۇنداقلا ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلىنغان ئەھۋاللاردىن، شامالۋاغ يېزىسىدىكى ئۆي-زېمىنلىرى ئىگىلىۋېلىنغان 100 نەچچە ئائىلە يولۇققان تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە قەشقەر شامالۋاغ يېزىلىق ھۆكۈمەت، شامالۋاغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش دېگەن نام بىلەن، شامالۋاغ مەھەللىسىدىكى100 نەچچە ئائىلىنى ئۆي-ماكانلىرىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇلارغا ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەر ئۈچۈن 750 سومدىن تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى، ھەم ئۆيى چېقىلغان ھەر بىر ئائىلىگە شۇ رايوندىكى بىنا ئۆيلەردىن تۇرالغۇ ئۆي بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن توختام ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. ئەمما بۇ رايوندىكى ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ بازار باھاسى 3000 سومدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان.

يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قورقۇتۇشى ۋە بېسىمى بىلەن بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە بىر قىسىم ئۆي ئىگىلىرى توختامغا قول قويغان. ئەمما ئۇلار توختامغا قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا توختامدا بېرىلىش ۋەدە قىلىنغان پۇلنىڭ بىر قىسمى تۇتۇپ قېلىنغان. دائىرىلەر ئۇلارنى شامالۋاغ بازىرىدىن يىراق بولغان چەت ياقا جايدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن سېلىنغان ئەرزان باھالىق ئۆيلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. بۇ ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، سودا-سېتىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىينالغان. بولۇپمۇ ئەسلىدىكى ھويلىلىق ئۆيلىرىدە مال بورداش ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدە كۆكتات تېرىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان دېھقانلار تىرىكچىلىك مەنبەسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان. بۇ ئۆيلەرگە كۆچۈشنى رەت قىلىپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئەرز قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا تۈرلۈك تەھدىت، بېسىم، قورقۇتۇشلارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.