4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى تۈركىيە ۋە ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا

4 - ئاۋغۇست، دۈشەنبە كۈنى، قەشقەردىكى بىر ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 16 ساقچى ئۆلگەن ۋە ئەڭ ئاز 16 ساقچى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان ئىدى. دۇنيا مەتبۇئاتىدا مۇھىم خەۋەر شەكلىدە يەر ئالغان بۇ ۋەقە تۈركىيە ۋە ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالدى ۋە ئوخشاش بولمىغان تەھلىل ۋە ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىمىزدا تۈرك ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىدە ئورۇن ئالغان خەۋەر ۋە ئانالىزلارغا ئورۇن بېرىمىز:

تۈركىيە ھۆرىيەت گېزىتى:

بۇ خەۋەرگە تۈركىيىنىڭ پۈتۈن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرى خەۋەر ۋە تەھلىل شەكلىدە يەر بەردى. تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىدە "قەشقەردە ئولىمپىيات بومبىلىرىدا 16 كىشى ئۆلگەن" تېمىدا خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ماقالىنى مەخپىي ھالدا ساياھەتچى سۈپىتىدە ئۇرۇمچى، قەشقەر، غۇلجىلارنى ئايلىنىپ كەلگەن ژۇرنالىست فارۇق سابچى يازغان. ئۇ ماقالىسىدە قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئاڭلاتقانلىرىنى مۇنداق دەپ يازغان: "ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنى ئاڭلاتتى. 'بۇ يەر بىزنىڭ زېمىنىمىز. خىتايلار كېلىپ بېسىۋالغان. بىزمۇ سىزگە ئوخشاش تۈركىي مىللەت بولغاچقا خىتايلار بىزدىن بەك قورقۇدۇ ۋە بىزنى باستۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. كىچىككىنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويساق قانلىق باستۇرىدۇ. بىزنى ئۆلتۈرسە تېررورچىنى ئۆلتۈردۇق دەپ خۇش بولۇپ بىزگە بۆھتان چاپلايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى تىبەت بىلەن ئوخشاش.' "

فارۇق سابچى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتايلارنىڭ مەھەللىسىدە بىرمۇ ساقچى كۆرمىدىم. ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ساقچى قايناپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر سىنىپتا ئوقۇسىمۇ بىر‏ - بىرىگە سالام بەرمەيدىكەن. 16 ياشتا بىر ئۇيغۇر قىزى ماڭا "خىتايلاردىن نەپرەت قىلىمەن" دېدى.

تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن رادىكال، جۇمھۇرىيەت گېزىتلىرىدىمۇ 4 ‏ - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى:

ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك تېلېۋىزىيىلىرىدىن بىرى بولغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئىززەت شەھرۇر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى مەنبە قىلغان ئانالىزىدا مۇنداق دەيدۇ: "... ۋەقەدە 16 ساقچى ئۆلدى ۋە 16 ساقچى يارىدار بولدى، ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نامىدىكى بىر تەشكىلات ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى".

ئەلجەزىرە مۇخبىرى ئانالىزىدا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ ئۆز تەرتىپىنى ئوڭشاش ۋە، كادىرلىرىنى تەرتىپكە سېلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىززەت شەھرۇرنىڭ يۇقىرىدىكى خەۋىرىگە يېزىلغان ئىنكاسلار ئارىسىدا ھۇدا مۇھەممەد تەيسىر ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئىنكاسى ئەلجەزىرە تور بېتى زىيارەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھۇدا خانىم مۇنداق يازىدۇ: "خىتاي خەلقى بىر ئاز شەكلى ئۆزگەرگەن 'ياخشىچاقلىق' خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇلار بىزنى مەسخىرە قىلىدۇ، تىللايدۇ، بىزنىڭ بېيجىڭدىن يىراق بىر شەھەردە يەنى، گۇاڭجۇدا بولىشىمىزغا قارىماي ھەر دائىم، ھەر قانداق بىر سودا سارىيىنىڭ ئالدىغا بارغىنىمىزدا پاسپورتلىرىمىزنى تەكشۈرىدۇ. قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ ئىقامەتلىرى بىكار قىلىندى، نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەندى..."

سەبرىي ئەنۋەر ئىسىملىك بىر زىيارەتچى مۇنداق يازىدۇ: " گۇاڭجۇدا ياشايدىغان ئەرەبلەر يەر تەۋرەش مەزگىلىدە خىتايلارغا مەيلى قان بېرىش، مەيلى ماددىي جەھەتتىن بولسۇن، باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارغا خىتاي ساقچىلىرى داۋاملىق تۈردە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇردى...."

مىسىر - ئەلئېھرام گېزىتى:

16 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 16 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەشقەردىكى ۋەقەنى ئۆتكەن يىللار ئىچىدىكى ھەجمى ئەڭ زور ۋەقە، دەپ يازغان ھەمدە، قايسى دۆلەتتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماستىن، چەتئەلدىكى تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسىگە ئەزا كىشىلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئالمىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئوتتۇرا شەرق گېزىتى:

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالغان " ئوتتۇرا شەرق گېزىتى" ۋەقەدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ نەزىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ۋە ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 82 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رىياد گېزىتى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان " ئەررىياد گېزىتى " قەشقەردىكى ۋەقەنى بىر تېررور خاراكتېرلىق ھۇجۇم، دەپ كۆرسەتكەن.

ئەلھايات گېزىتى:

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا نەشر قىلىنىدىغان "ئەلھايات گېزىتى"، "بىر دۇنيا، بىر غايە" شۇئارى ئاستىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە جىددىي ھازىرلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بىر جۇڭگو" غا رازى بولمايدىغان كۈچلەرنىڭمۇ " شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى" قۇرۇشتىن ئىبارەت بىر "غايىسى" نىڭ بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بۇ رايوندا ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يازغان.

ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبىي گېزىتى:

لوندوندا نەشر قىلىنىدىغان "ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى" باشقا مەتبۇئاتلاردا يەر بېرىلمىگەن بىر نۇقتىنى يەنى، رايوندىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولىدا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" نىڭ ئاۋغۇستنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن سەككىزىنچى كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تېررور خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.