0:00 / 0:00
بۇ خەۋەرلەر دۇنياغا يېيىلغاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ جىددى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قاتتىق ئىتىراز بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە باستۇرۇشىغا بىلدۈرگەن نارازىلىقلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.