بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا ئاپتورنىڭ خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ۋە تەسىراتلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز.
ئاپتور پائۇل موزور كېيىنكى بايانلىرىنى مۇنداق باشلايدۇ: "بىز خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قىلغان سەپىرىمىزدە، ئاپتوبۇس تەكلىماكان چۆللۈكىدە تاماق ئۇچۇن 6 سائەت ئەتراپىدا توختىدى. تاماق ۋاقتىدا بىر قانچە كىشى ماڭا ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى تولىمۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ بېرىشتى، ئۇلار بىر تەرەپتىن لەغمەن يېگەچ، بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ھەققىدىكى ئەپسانە چاقچاقلارنى قىلىشاتتى."
ئاپتور ئۆزى ئۇچراتقان بىر خەلق نەغمىچىسى ئۇيغۇر بوۋاي بىلەن بولغان سۆھبەتنى مۇنداق يازىدۇ: "پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر مۇقام - مۇزىكىلىرى ئۇچۇن بېغىشلىغان بۇ ئۇيغۇر بوۋاي، يېنىدىكى نەۋرىسىنىڭ تەرجىمانلىقىدا مەن بىلەن مۇزىكا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى، سۆھبەت جەريانىدا ئۇ يېنىمىزدا تۇرغان خىتاي ئەسكىرىنى ئىما قىلىپ، 'ئۇلار بىزنى قورقۇتماقچى، بىزگە ھەيۋە قىلماقچى بولىشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ھەر ۋاقىت بىزدىن قورقۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئۆز ئىرادىمىزدىن يانمايدىغانلىقىمىزنى ياخشى بىلىدۇ،' دېدى. مەن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان تارىخ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى يازغان تارىخ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە، 'بۇ توغرىلىق ھەر قانداق سۆزلەرنى قىلسام بۆلگۈنچى بولۇپ قالىمەن،' دېدى - دە ئۆز سۆزىگە جاۋابىمنى كۈتمەيلا نەۋرىسىنى (پۇت بىلەن تېپىپ ھەيدەيدىغان) غالتەك ھارۋىسىنىڭ كەينىگە ئۆلتۇرغۇزۇپ يۈرۈپ كەتتى."
ئاپتور ئۈرۈمچىدىكى ھېس تۇيغۇلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "بەزى ئاپتورلار مەدەنىيەت ھەققىدە توختالغىنىدا، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ جايدىكى مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىر سىياسىي مۇددا - مەقسەت سەۋەبىدىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ، ئۆز مەقسەت - مۇددائالىرى بويىچە بۇرمىلىنىپ بايان قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت مەسىلىگە نىسبەتەن چەتنەپ كېتىش ياكى سۆزلىمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. مەن ئۈرۈمچىدە ئۈرۈمچى مۇزىيىغا بېرىش يولىدا بىر ئۇيغۇر شوپۇر ھەيدىگەن تاكسىغا ئولتۇردۇم، شوپۇر يېنىمىزدىن چىقىراپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلىغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ ئۇزاق قارىدى. بىز شىنجاڭ مۇزىيى ئالدىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە، بىر توپ ئەسكەرلەر مۇزىي ئالدىدا مەشىق قىلىۋاتاتتى.مۇزىي ئىشىكىدە ئەسكەرلەرنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلدىم، ئۇلار مېنىڭ ھەممە نەرسەمنى تەكشۈرۈشتى، ئىچىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان بىر بوتۇلكا سۈيۈمنىمۇ مۇسادىرە قىلىشتى. مۇزىي ئىچىدىكى 3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە " كروران گۈزىلى" دەپ ئاتالغان بۇ قەدىمىي مۇميانىڭ قاڭشارلىق بۇرنى مەن ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينەن ئۆرنىكى بولۇپ، ھىندى - ياۋروپا ئىرقىغا خاس چىراي ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ مۇميادا تولۇق ئىپادىلەنگەن ئىدى."
ئاپتور خوتەندە ئۆزى كۆرگەن مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "خوتەندىكى مەركىزى مەيدانغا تىكلەنگەن ھەيكەلدە، يوغان ھەم بەستلىك ماۋزېدۇڭنىڭ پاكار ھەم ئورۇق كىشى (قۇربان تۇلۇمنى دېمەكچى، ئەمەلىيەتتە ئەسلى رەسىمدە قۇربان تۇلۇم ئېگىز ھەم ئورۇق ئادەم بولۇپ، ماۋزېدۇڭ بىلەن بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن - تەرجىماندىن) بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرغان ھالىتى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ھەيكەلدىن بىر نەچچە كوچا نېرىدا خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى شاۋقۇن - سۈرەنلەر سالغىنىچە گۇمپا مەشىق قىلىشىۋاتاتتى."
ئاپتور ئۈرۈمچىدىكى مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ يىڭنە سانجىدى دەپ يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشدىمۇ، تەھدىت مەزمۇنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئىبارىلىرى كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇش تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 12 نەپەر ئۇيغۇر ھەم بىر خىتاينىڭ ئىسمى يېزىلغان ئۇقتۇرۇش ئاستىغا چاپلانغان ئىدى. ئۈرۈمچىدە خىتايلار نامايىشىدىن كېيىن ئەسكەرلەر كۆپەيتىلگەن بولۇپ، خەلق مەيدانىغا ئىلگىرى 30 ئاپتوموبىلدا قوشۇن كىرگەن بولسا، ھازىر 60 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بار ئىدى. ئۇلار مەيداننىڭ بۇرجىكىدە يېڭىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن تەرتىپ ساقلىشاتتى."
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ يەنىلا پەسەيمىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ماقالىسىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرىدۇ: "ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا قوللىرىغا ساقچى كالتەكلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان خەلق ئەسكەرلىرى تەرتىپ ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەر قايسى ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىدى. قارىماققا كوچىلاردىكى ئۇيغۇرلار ھەم خىتايدىن ئىبارەت ھەر ئىككى مىللەت كىشىلىرىنىڭ چىرايىدا، ئوخشاشلا قورقۇنچ ھەم ئەنسىزلىك كەيپىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. بۇ خىل ھالەت كىشىگە، ھۆكۈمەت گويا پارتلاش ئالدىدىكى پارتلاتقۇچ دورا يېنىدا تاماكا تۇتاشتۇرۇۋاتقاندەك ھالەتنى ئەسلىتەتتى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قاتتىق تەدبىر ئېلىش سىياسىتى داۋاملىشىۋەرسە، '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى' ۋەقەسىگە ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە."
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" دىن كېيىن مۇخبىر پائۇل موزورنىڭ "خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقاتماقچى" دېگەن ماقالىسىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلەر كۆپلەپ يېزىلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.