قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدە دۇنيا ئىنكاسلىرى

خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا ئاتلاندى. خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ قوللىرىغا ياغاچ كالتەك، پولات تۇرۇبا ئالدى.

0:00 / 0:00

ھازىر سىرتقى دۇنيا پەقەت خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەلقئاراغا تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسەن، 30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەردە ئاز دېگەندە ئىككى ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى «بەش نەپەر تېررورچى بىر ئاشخانىغا بۆسۈپ كېرىپ، ئاشخانا خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەن، ئاشخانىغا ئوت ياققان، ساقچىلار ئۇلارنىڭ تۆتىنى ئېتىپ تاشلىغان» دېگەن ۋەقە. يەنە بىرى، «ئىككى لۈكچەك بىر ئاپتوموبىلنى بۇلاپ، يېڭى بازاردا ئادەم سوقتۇرغان ۋە ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەمنى چانىغان، ئۇلارنىڭ بىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىرى تۇتۇۋېلىنغان» دېگەن ۋەقە.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر بىلەن باشقا يۇرتلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن. ھەتتا قەشقەر خەلقىمۇ، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەي قالغان. بۇ جەرياندا، پەقەت خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىلا، دۇنياغا مۈجمەل ئۇچۇر تارقىتىپ تۇرغان، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدە خىتاينىڭ گېپىگە ئىشەنمەيدۇ. خىتايدىن قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى توغرىسىدا دېگەنلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتىنى ۋە تەپسىلاتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۈگۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى پىللاي خانىمغا خەت يېزىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىيەت يامانلاشتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىكتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە دېگەن گەپلىرى بىر- بىرىگە زىت ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ، تېخىمۇ چوڭ ۋەقەلەر كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ب ب د ت جىددىي تەدبىر قوللىنىشى لازىم، دەپ تەكلىپ سۇندى.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جىن يۈشو ، قەشقەردە يۈز بەرگەن تارقاق ۋەقەلەر، غەزەپكە چىدىمىغان ئۇيغۇرلار قىلغان ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بېسىشنى توختاتمىسا، ئۇيغۇر تىلىغا يول بەرمىسە، تېخىمۇ چوڭ ۋەقە چىقىشى مۇمكىن، دېگەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى ئارمىيە بايرىمىدا كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، «تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىش» دېگەن شوئار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا ئاتلانغان. تۈنۈگۈن كىم تۇتۇپ بەرسە 100 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بەرمەكچى بولغان ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى، بۈگۈن خىتاي ھەربىي قىسىملىرى قەشقەردە ئېلىپ بارغان قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە، شاللىقتا قورشىۋېلىپ، تېرىك تۇتماي ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ قاراتمىلىقىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە قارىتا قوللىنىدىغان تەدبىرلىرىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى ئۆرلەتتى.

بۈگۈن گەرچە قەشقەر «تىنچ» تەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. خىتاي كۆچمەنلىرى قوللىرىغا ياغاچ كالتەك، پولات تۇرۇبا ئالدى. ساقچىلار ھەممە دوقمۇشلاردا يولدىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلاردىن كىملىك سوراپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان، ئەمما شۇ جايدا تۇرۇپ قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسىنى ئاڭلىمىغان بىر ئامېرىكىلىق، بۈگۈن ئەتىگەن يانفون ئارقىلىق دوستىغا ئېلخەت يوللاپ، تۈنۈگۈن مېھمانخانىدىن سىرتقا چىققىلى قويمىدى، مەن ھازىر قەشقەردىكى غەربىي خەلق يولى دېگەن كوچىدا، يوللاردا پارتلىغان بومبا پارچىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ كوچىنى توپىلاڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان ئەسكەرلەر قاپلاپ كەتتى، ساقچىلار كىملىك تەكشۈرۈپ يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا قوللىرىغا كالتەك، تۇرۇبا ئالغان خىتايلار مېڭىپ يۈرىدۇ، بۇ شەھەردە ھازىر جىددىي ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى سېزىمەن، دېگەن.

بۈگۈن خەلقئارادا قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە بولدى. خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدىكى ئەركىن مۇنازىرىدە، بىرى، پەقەت قولىدا قورال يوق ئادەملەرگىلا كۈچى يېتىدىغان چەنتولارنى قاتتىق باستۇرۇش كېرەك، دېسە، يەنە بىرى، ئەگەر ئۇيغۇرلار بېيجىڭغا، شاڭخەيگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ يېرىنى، بايلىقلىرىنى تارتىۋالسا، خىتايلار ئۇلارنى نېمە قىلار ئىدى؟ بۇنى ئويلاپ باق، دېگەن.

دوۋېي خەۋەر تورىدىكى ئەركىن مۇنازىرىلەردە، بىرسى، ھۆكۈمەت ئەمدى ئۇيغۇرلارغا يۇمشاق قول بولماي، خۇددى ئامېرىكا ئوساما بىنلادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندەك ئېتىۋەرسە، مۇستەقىل بولىمەن دەيدىغان ئادەم چىقمايدۇ، دېسە، يەنە بىرى، تارىختا خىتايلار شىنجاڭلىقلارنى بەك كۆپ ئۆلتۈرگەن، بۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتمۇ شۇنداق قىلدى، ھەتتا بوۋاقلارغىمۇ رەھىم قىلمىدى، بۇنىڭ قىساسى بار، دېگەن.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇنازىرە تورىدا، بىرسى، مىللەت بىر ئەمەس ئىكەن، ئۇنىڭ دىلى بىر ئەمەس، ئۇلار بىر-بىرىنى قىرىپ، يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارمىغۇچە مەسىلە ھەل بولمايدۇ، دېسە، يەنە بىرى، خىتايلار خەقنىڭ يۇرتىغا كېلىۋالماي، ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلار بىلەن باردى-كەلدى قىلسا، بۇنداق مەسىلە ھەرگىز چىقمايدۇ، دېگەن.