مۇلاھىزىلەردە، ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللار، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش ۋە نامراتلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىلدى.
8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە «گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» ، «گېرمانىيە كۈندىلىك گېزىتى»، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، «ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى»، «يېڭى سۇرۈك گېزىتى» قاتارلىق داڭلىق گېزىت-ژۇرنال ۋە رادىئولار ئورتاق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە بەرگەن باھالىرىدىن شۈبھىلەنگەنلىكىنى، ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان رەھىمسىز قىلمىشلىرىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
«گېرمانىيە كۈندىلىك گېزىتى» مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەردى:
قەشقەردە زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟ قانداق يۈز بەردى؟ بۇلار زادىلا ئېنىق ئەمەس. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا شۇنداقلا سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇيغۇرلارغا تەسەللى بولسۇن ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجراتتى، قەشقەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق خىزمەت ھەم بېيىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولۇشتىكى غەرىزى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەنگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 200 ئادەم ئۆلدى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خىتايلار ئىدى. بىراق، بۇ يېڭى خىزمەتتىن نەپ ئېلىۋاتقانلارنىڭ پەقەتلا خىتايلاردىن ئىبارەت بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرمەكتە. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قەشقەردە يارىلىۋاتقان بۇ ئىش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
كۈندىلىك گېزىتتە يەنە شۇلار يېزىلغان:
قەشقەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق باشقۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ئۆرلەتمەكتە. خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ رايونلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلىشىمۇ كۈچلۈك ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. دائىرىلەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى ۋە ياغلىق چىگىشىنى چەكلەش پەرمانلىرىمۇ خەلقنىڭ سەپرايىنى ئۆرلىتىۋاتقان مەسىلىلەردىندۇر. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قەشقەر ۋە خوتەندىكى مىللىي كىملىككە قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇزلارنىڭ مۇتلەق رەۋىشتە قارشىلىق قوزغايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» نىڭ 7-ئاۋغۇسىتتىكى خەۋىرىدە، قەشقەردىكى پارتلىتىش ۋە خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئېغىر ساراسىمە پەيدا قىلغانلىقى، خىتايدىن ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە كېمىيىپ كەتكەنلىكى يېزىلغان. بولۇپمۇ، 6-ئايدىن 10-ئايغىچە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان قەشقەر ساياھەت ساھەسىنىڭ بىردىنلا چۆلدەرەپ قالغانلىقى، قەشقەردىكى لۇڭدۇ مېھمانخانىسىغا ئوخشاش ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىدا تۈنۈگۈن ئاران ئون نەچچە مېھمان تىزىملاتقانلىقى، كۈنلۈكى 300 سوملۇق ياتاقلارنىڭ باھاسى 250 سومغا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ خېرىدار يوقلۇقى، قەشقەردىكى رېستورانلار، ئاشپۇزۇللار، خىتاي مەيخانىلىرىنىڭ تاپاۋەتلىرىنىڭ ئاساسەن ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان. يەنە باشقا مەنبەلەردە، 30-ئىيۇلدىن 7-ئىيۇلغىچە بولغان سەككىز كۈن ئىچىدە ساياھەتتىن كىرىدىغان كېرىم يەتتە مىليون سوم ئازىيىپ كەتكەن. شەھەر مەركىزىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسى ئاساسەن توختاپ، كۈن بويى سودا قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. جىددىي ھەربىي ھالەت ھۆكۈم سۈرگەن ۋە ئەندىشىگە پاتقان قەشقەر كوچىلىرىدا ئىلگىرىكى ۋەزىيەتتىن ئەسەرمۇ قالمىغان.
«يېڭى سۇرۈك گېزىتى» دە بۇنداق دېيىلگەن:
قەشقەردىكى ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن چەتئەلدىكى سەرگەردان ئۇيغۇرلار مەسئۇلىيەتنى بىر -بىرىگە ئىتتىرىشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئارتىپ كەلمەكتە، بۇ پارتىيىنى بازا تەشكىلاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار، دەپ ئاتىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، جۈملىدىن باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ بىر ئۇۋىسى دەپ قارىماقتا.
«يېڭى سۇرۈك گېزىتى» دە يەنە شۇنداق دېيىلگەن:
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش چاقىرىقىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەدبىر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى يەنە ئۆرلەتتى. مەسچىتلەر ئېغىر كونترول ئاستىدا تۇرماقتا. بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشلىرى بىردەك چەكلەنمەكتە. ھەج-تاۋاپ ئىشلىرىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلماقتا. ھەج ئىلتىماسىنى تەستىقلاش، پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرىمۇ رەت قىلىنماقتا. زۇلۇم بولغان يەردە قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
گېرمانىيىدىكى ئەڭ داڭلىق سىياسىي ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى» مۇنداق ئىزاھلىدى:
خىتاي رەھبەرلىرى يازلىق ئارام ئېلىشقا چىقالمىدى. ۋېنجۇدىكى پويىز ئاپىتى تۈپەيلى خەلقنىڭ ساختىكارلىق، چېرىكلىككە قارشى چۇقانلىرى ئۇلارغا ئارام بەرمىدى. ھەممىدىنمۇ مۇھىم بولغىنى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي دىياردىكى ئانا ماكانى شىنجاڭدا يېڭىدىن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى. غەربىي دىياردىكى بۇ ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن ئىسلام غازاتچىلىرىغا ئارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇمات بېرەلمىدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى، پاكىستاندىكى ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەد ھەپتە بېشىدا بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتايغا ھېسداشلىق قىلدى.
«ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا يەنە شۇنداق دېيىلگەن:
بىراق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى خىتاي ھۆكۈمىتى بايان قىلغاندەك ئۇقەدەر ئېنىق ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئۆزلىرىنى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆزىلا ھازىرغىچە بىر سىر. مەسىلەن، بۇ تەشكىلاتنىڭ قانچە پىدائىي جەڭچىسى بار؟ ئۇنىڭ باشلىقى زادى كىم؟ مانا بۇلار ئېنىق ئەمەس. بىراق، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىغىنى؛ خىتاينىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادى جەھەتتە ئارقىدا قالدۇرۇش سىياسەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار نارازى.