قەشقەردىكى ۋەقە ھەققىدە كانادا مەتبۇئاتىدىكى ئىنكاسلار

ئولىمپىككە 4 كۈن قالغاندا، ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قەشقەر شەھىرىدە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن، خىتاي قوراللىق قىسىم ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە 16 نەپىرىنى يارىلاندۇرغانلىق ۋەقەسى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا جىددىي ۋەقەلەر تەرىقىسىدە خەۋەر قىلىندى.

0:00 / 0:00

كانادادىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولغان ك ب ك دىكى خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بۇ ھۇجۇمنى ئىسلامىي مىلىتانلار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، ئەمما نوپۇسنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بۇ رايونىدا، 1950 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ رايوننى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغاندىن بېرى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا

"دۆلەت پوچتىسى" گېزىتىدىكى ماقالىدە،ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە گۇمانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ تەرىپلەندى ۋە ئاھالىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا، ئولىمپىك ھارپىسىدا، ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى،كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىمىيىتىگە نارازى بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنىڭ بوغۇلۇشىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە، "كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايوندا، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا، خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتكە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۈچ خىل كۈچلەر،دەپ كۆزدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا "دەپ ئەسكەرتىدۇ. ماقالىدە بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق پىشىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەلقائىدە ۋە ھىزبۇ تەھرىر دېگەنگە ئوخشاش، خەلقئارادىكى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ھۇجۇم سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە

بۇ ماقالىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئاساسلىق تەھدىتنىڭ شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى، دەپ قاراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھەمدە، 4 - ئاۋغۇست كۈنى، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىچولاس بېقۇئېلىننىڭ بۇ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان، ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىتىلغان ئىنكاس ۋە ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن سىمۋوللۇق تۈستىكى ھۇجۇم، دېگەن سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن.

زۇلۇم قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

"تورونتوستار" گېزىتىدىكى بىلل سچىللەرنىڭ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇتنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدە، ئاتالمىش 5 "تېررورلۇق گۇرۇھى" نى يوقاتقانلىقى ۋە

 ماتەم مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر
4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﯩﺴﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. (AFP Photo)

82 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە يىلدىن بېرى، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى چەتئەللەردىكى تېررورچى گۇرۇھلار بىلەن باغلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىدىكى مۇنازىرىدە، سابىق دىپلومات، كانادا بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چارلەس بۇرتون، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردىكى ۋەقەنى چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاشقا يېتەرلىك پاكىت يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىرىچە، ئۇلار ئىشلەتكەن قوراللار يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان. بۇ ۋەقەنى يەنە ئۇيغۇر رايونىدا، مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان تەشكىلات - گۇرۇھلار بىلەن باغلاشقىمۇ يېتەرلىك پاكىت يوق. مۇھىم بولغىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نارازى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىدىن شۇنداقلا ئۇ يەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئىنتايىن نارازى بولماقتا. مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۈگۈنىدۇر،" دەيدۇ.

ئۇيغۇرلار خەلقئارا قانۇنلار بىلەن قوغدىلىشى كېرەك

چارلەس بۇرتون سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ: " ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۇنگۇڭچىلار بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت،دىن ۋە ئۆز تىللىرىنى قوغداش ھوقۇقلىرىنى بەرگىنى يوق. بۇ ھوقۇقلار خەلقئارا قانۇنلار بۇيىچە بېرىلىشى كېرەك،" دېدى. ئۇ سۆزىدە، ئولىمپىك ھارپىسىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

"سۇن مېدىيا" گۇرۇھىغا ئائىت گېزىتلەردە بولسا،ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 4 كۈن قالغاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى،تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكىنىگە 60 يىل بولغانلىقى ۋە 90 - يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردا خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نارازىلىقلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

"گلوبە ئاند مائىل" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، گېئوففرېي يوركنىڭ ماقالىسىدە بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسىپ قارشىلىقتىن، ئاشكارا قوراللىق قارشىلىشىشقا ئۆتكەنلىكى، تېررورچى قالپىقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسى جەھەتتە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان، ھەر قانداق ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىككە بېرىلىدىغان خاس نامغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بېرى، ھەر خىل باھانە ‏ - سەۋەبلەر بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.