خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى ۋەقەدە يارىلانغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەخسۇس يوقلاپ بېرىپ «تېررورچىلارغا بىرلىكتە قاتتىق زەربە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىمىز» دەپ ۋەدىلەرنى بەردى.
ئەمەلىيەتتە قەشقەردە ھەربىي ھالەت داۋام قىلماقتا. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى ئوخشاشلا رەت قىلماقتا. خەلق ئەندىشە ئىچىدە راست سۆزلەشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى نورماللاشتىمۇ؟
خىتاي دائىرىلىرى ئاخباراتلىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى پۈتۈنلەي يوشۇرغاندىن باشقا، قەشقەردە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن ۋە تېز ئارىدا قەشقەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا سېتىق ئورۇنلىرىنى نورمال تىجارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
دەل مۇشۇ پەيتلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا قەشقەرنىڭ قايتىدىن «قايناق ۋە مۇقىم ھالەتكە ئۆتكەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ساھەلەر بويىچە جىددىي يىغىنلار چاقىرىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ھوشيارلىقنى كۈچەيتىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ھەققىدە يول-يورۇقلار بەرمەكتە.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە رەئىس نۇر بەكرىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس بەرگەن بايانلىرىدىمۇ «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن كەسكىن باستۇرۇش ئاتالغۇسى قايتا قايتا تەكىتلەندى.
ئۇنداقتا، قەشقەر شەھىرىنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكىدەك «نورماللاشتى» مۇ يوق؟ بۇ ھەقتە، 31-ئىيۇلدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن بازارغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنى بازارنىڭ پۈتۈنلەي قامال قىلىنىپ نۇرغۇن قان ئېقىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا توشۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئىككى نەپەر 20 ياشقا توشمىغان ئۇيغۇر بالىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى مۇھەممەت ئېلى تىلىۋالدى ۋە تۇرسۇن ھەسەن ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنى «30 ۋە 31-ئىيۇلدىكى ۋەقەگە چېتىشلىق» دەپ ئۇلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ۋە تۇتۇپ بەرگەنلىرىگە 100يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەمما، ئارقىدىنلا يەنە بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قەشقەر شەھەر سىرتىدىكى بىر شاللىقتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورالسىز بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى تىرىك تۇتماي ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۇيغۇرلار ئارىسى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
بىز بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ساقچى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت سوئاللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىشىنى رەت قىلدى، ئەمما «قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن نورمال، مۇقىملاشتى» دېدى. «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ھەربىي ھالەتنى ھازىرغىچە بىكار قىلمىدىڭلار» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدى.
قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر بولسا«بۇندىن كېيىن يەنە نېمە ئىش بولىدۇ؛ ھازىر ۋەزىيەتكە بىر نېمە دېمەك تەس» دېدى.