خىتاي قەشقەردە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئاخبارات ساھەسىدىن يوشۇرماقتا

ئولىمپىك مەنپەئەتى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك، خىتاي، قەشقەردە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىك ھۆكۈمىنى 10 مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىپ يەرلىك خەلققە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە ئېلان قىلمىدى.

0:00 / 0:00

بۇ سەۋەبلىك خىتايدىكى قانۇن ئورۇنلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئىگىلەشلىرىمىزدە قانۇن تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىنى ئاخبارات ساھەسىدىن تېخىمۇ توغرىسى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەزكۇر ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان يېڭىشەھەر ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ كاتىبات بۆلۈمىنىڭ جاۋابى قانائەتلىنەرلىك بولمىدى. بىز ئۇنىڭدىن " قەشقەردە سوت ئېچىلغانلىقىنى قەشقەر سوت مەھكىمىسى رەت قىلدى" دەپ خەۋەر قىلساق بولامدۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ دەرھال سۆزىنىڭ تونىنى يۇمشاتتى ۋە ئۆزىنى بىر تازىلىق ئىشچىسى دەپ كۆرسەتتى. بىز يەنە، يېڭىشەھەر سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىغا تېلېفون ئاچتۇق.

ئارقىدىن پەرقلىق كىملىك بىلەن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، سوتنىڭ بىر مەسئۇلى يېڭىشەھەردە ئېچىلغان سوتنى ئېتىراپ قىلدى. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن جاڭ ۋېيخۇيغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئەھۋالنى ئالىي سوتتىن ئىگىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زىيارىتىمىز ئوخشاشلا رەت قىلىندى. ئاخىرىدا يەرلىك ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر ئايال ئۆزىنىڭ شۇ كۈنكى سوتقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۈنكى سوتتا 20 كىشى مەھكۇم ئۇستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان، ئۇلارنىڭ 2 نەپىرىگە دەرھال ئۆلۈم جازاسى، 3 نەپىرىگە كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى، 15 نەپىرىگە 10 يىل بىلەن مۇددەتسىزگىچە بولغان پەرقلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

ھازىرغا قەدەر بۇ سوت ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدىكى ئايرىم خۇسۇسي تور بەتلەردە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. ئۇ خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، مەھكۇملار تېررورلۇق مەشق بازىسى قۇرۇش، پارتلاتقۇچ دورىلارنى توشۇش ۋە ساقلاش قاتارلىق جىنايى ناملار بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا قېتىلغان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى مەھكۇملار يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، تېررورچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى دەپ ئەيىبلەنگەن.

تور خەۋىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەھكۇملار شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى قۇرغان، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى غايە قىلغان. بۇلتۇر 1 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسراپ يېزىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپ 17 نەپەر ياشنى قولغا ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان مەھكۇملارنىڭ ئاساسلىق ئەنە ئەشۇ كوسراپ ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم.

يەنە مەلۇم بىر ئىنكاسچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا يالغۇز ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچى، ئوقۇتقۇچى ‏ - ئوقۇغۇچى، ئاھالە كومىتېت ئەزالىرى قاتناشتۇرۇلغان. خىتايلار قاتناشمىغان. مەزكۇر ھۆكۈمنىڭ ئولىمپىكتىن 1 ئاي ئاۋال ئېلان قىلىنىشى، يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭلا قاتناشتۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى روھىي جەھەتتىن جاسارەتسىزلەندۈرۈشكە، بۇ ئارقىلىق ئولىمپىك مەزگىلىدە ۋەقە چىقىشتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يەنە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۆلۈم ھۆكۈملىرىنى ئاخبارات ساھەسىدىن سىر تۇتۇشىنى، ئەمەلىيەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش دەپ قارىماقتا.