قەشقەردە زادى نېمە ۋەقە يۈز بەردى؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئىيۇل ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى ئىلگىرى-كېيىن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەردە ئىككى كۈن ئىچىدە جەمئىي تۆت چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن.

0:00 / 0:00

قەشقەردە 30-ئىيۇل ۋە 31-ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىدە بىردەكلىك بولمىسىمۇ، قەشقەردە ئىككى كۈن ئىچىدە تۆت چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئايان بولدى.

بۇنىڭ بىرى؛ قەشقەردىكى گۈزەل يېمەكلىكلەر كوچىسى يول ئېغىزىدا 7-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:45 مىنۇت ئۆتكەندە ئىككى ئۇيغۇر ياش يېشىل چىراغنى ساقلاپ تۇرغان بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ خىتاي شوپۇرىنى بوغۇزلاپ تاشلاپ، ئاپتوموبىل بىلەن كوچىغا بېسىپ كىرىپ ئالتە ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ 28 ئادەمنى پىچاقلاپ ئېغىر-يىنىك يارىلاندۇرغان. بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرى نەق مەيداندا خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. يەنە بىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ قولىدا پىچاق ياكى قىلىچ بار ئىكەن.

ئىككىنچىسى، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېقىن جايدا كەچ سائەت 10:30 دا بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەدە قانچىلىك ئادەم ۋە مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. كەچ سائەت 11:45 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتلاردا گۈزەل يېمەكلىكلەر كوچىسىدا يەنە بىر قېتىم پارتلاش ۋەقەسى بولغان. بۇ ۋەقە ، ئىككى ئۇيغۇر ياش خىتايلار توپلىشىپ يەرلەشكەن گۈزەل يېمەكلىكلەر كوچىسىدا ھەرىكەت باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. بۇ پارتلاشنىڭمۇ نەتىجىسى ئېنىق ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ ئىككى ئۇيغۇر ۋەقە پەيدا قىلغان مىنۇتلاردا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۈچىنچىسى، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30دا قەشقەر شەھەر مەركىزىدە يەنە بىر بومبا پارتلاپ، بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم ئۆلگەن ۋە ئۈچ ئادەم يارىلانغان.

تۆتىنچىسى، يەنە شۇ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 لەر ئەتراپىدا، شەھەر مەركىزىدە بىر ئۇيغۇر ئۈچ خىتاينى بوغۇزلاپ تاشلىغان بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ بىرى ساقچى ئەمەلدارى ئىكەن. ساقچىلار قاتىلنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان مۇشۇ ئارىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا زور قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالغان تۆت نەپەر ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئادەم يارىلانغان. تۆت ئۇيغۇر يەنە جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. 29 ياشلىق مەمەتئىلى تىلىۋالدى بىلەن 34 ياشلىق تۇرسۇن ھەسەن قېچىپ كەتكەن. قەشقەر ھۆكۈمىتى ئۇلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 100 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا قەشقەردىكى ۋەقە توغرىلىق ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا؛ 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋە 31-كۈنى ئىككى كۈن ئىچىدە جەمئىي ئۈچ قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئىككى جايدا قانلىق ئېلىشىش بولغان. ئىلگىرى-ئاخىرى 18 ئادەم ئۆلگەن ۋە 42 ئادەم يارىلانغان. بەش ئۇيغۇر نەق مەيداندىن جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۆلگەنلەرنىڭ بەش نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت نەپىرى ساقچىلار تەرىپىدىن 31-ئىيۇل كۈنى شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر. بىر نەپىرى 30-ئىيۇل خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

قالغان 13 نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ ھەممىسى خىتاي بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ يەتتىسى 30-ئىيۇل كۈنى ئىككى ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئاپتوموبىلدا باستۇرۇپ ۋە پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۈچ نەپىرى 31-ئىيۇلدىكى بومبا پارتلاشتا ئۆلگەن. يەنە ئۈچ نەپەر خىتاينى بىر ئۇيغۇر 31-ئىيۇل كۈنى بوغۇزلاپ تاشلىغان. يارىلانغان 42 نەپەر خىتاي ئارىسىدا ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ۋە ساقچىلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق.

بىراق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن بۇ ۋەقەلەرنى دەسلەپتە ئېتىراپ قىلمىدى. ئۇ 31-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بىر قىسىم غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ئاخبارات ساھەسىدە ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان» دېدى. بۇ ئارقىلىق خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى. ئەمما خۇ خەنمىن 31-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۇنداق دېيەلمىدى. ب ب س، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە باشقا داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ «ۋەقە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھازىرچە بۇندىن ئارتۇق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ» دېدى.

غەربتىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاساس قىلماقتا. بەزىلىرى د ئۇ ق باياناتچىسىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باياناتلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكتە. لېكىن كورىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات قاناللىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەلەردە ئۆلگۈچىلەر سانىنىڭ ئاز دېگەندە 62 نەپەر كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. خىتاي ئاخباراتى ئىككى كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق بومبا پارتلاش ۋەقەسىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، پەقەت 31-ئىيۇل شەھەر مەركىزىدىكى بىر قېتىملىق پارتلاشتا ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۈچ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن باشقا، 30-ئىيۇلدىكى ئىككى قېتىملىق پارتلاشنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. بۇ ئۇچۇر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىمۇ مۈجمەل.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زوراۋان تېررورچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش جىددىي يىغىنىنى چاقىرغان. دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن بۇ يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ، تۈرلۈك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ۋە جىنايى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، رايوننىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. يىغىنغا جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى قاتارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشقان.

سۇمۇرغ تورىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يەردە كۈلكىلىك بىر ھادىسە يۈز بەرگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا پەقەتلا 30-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى ئۇيغۇرغا ئائىت ۋەقەنى تېما قىلغان ۋە بۇ ۋەقەنىڭ مەركەزنىمۇ قاتتىق چۆچۈتكەنلىكىنى، خەلق ئىچىدە ساراسىمە پەيدا بولغانلىقىنى، زىياننىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى مۇزاكىرىلەر قىلىشقان. ئەمما دەل ئۇلار يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىللەردە، يەنى 31-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەردە يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ خىتاينى بوغۇزلاپ تاشلىغانلىق ۋەقەسى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىق ۋەقەسى ۋە سائەت 16:30 مىنۇت ئۆتكەندە بومبا پارتلاپ، ئۈچ خىتاينىڭ ئۆلگەنلىك ۋەقەسىدىن تېخى خەۋەر تاپمىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرى بىلەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەر ئارىسىدىمۇ مەلۇم پەرق بار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 31-ئىيۇل كۈنى ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىنى بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىتاينى پىچاقتا بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى، دەپ كۆرسەتكەن. تەڭرىتاغ تورى بولسا، بىر توپ ئۇيغۇرلار بىر خىتاي رېستورانىغا بېسىپ كىرىپ، رېستوران خوجايىنى بىلەن بىر كۈتكۈچى خىتاينى بوغۇزلاپ تاشلاپ، دۇكانغا ئوت قويۇۋەتكەن، كېيىن ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان، تۆت نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان، دېگەن. خىتاي تەرەپنىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىن بىۋاسىتە مەلۇمات ئېلىشى تەسكە توختىماقتا. ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قەشقەر تېلېفون لىنىيىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.

قانداقلا بولمىسۇن، 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ۋە 30-ئىيۇل ھەم 31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويغان، ئۇيغۇر ۋەتىنىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بەرگەن، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تامامەن مۇقىم كۆرسىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىشنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان بىر چاغدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتۈپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ ئېغىر ساراسىمىگە سالغان. غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. 30-ئىيۇل كۈنىلا قەشقەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، 31-ئىيۇلدىن باشلاپ يەنە قانداق ھالەت يۈرگۈزۈلىدۇ، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. بەزى كۆزەتكۈچىلەر 31-ئىيۇلدىكى ئۈچ خىتاينىڭ بوغۇزلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇش ۋەقەسىنىڭ پىلتىسىنى مەزكۇر ھەربىي ھالەتنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.