قەشقەردە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى چوڭ-كىچىك ھەرىكەتلەر

قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساراسىمغا چۈشىشى ۋە بىر قىسمىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشقا ھازىرلىنىشىدا، قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر مۇھىم رول ئوينىغان.

0:00 / 0:00

قەشقەردە يېقىنقى 3 يىلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى، 4-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدۇر. ۋەقەدە خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى دەھشەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ۋەقە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا 4 كۈن قالغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۇيغۇر ئوغلانلىرىدىن قۇربانجان بىلەن ئابدۇراخمان ئازاد، ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە بىر ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ئارقىدىن ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئەسكەرلىرىگە ئۆزلىرى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىغان بومبىنى ئاتقان، ئۇنىڭ ئارقىدىن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە جەمئىي 17 ئەسكەر ئۆلگەن ۋە 16 سى يارىدار بولغان. ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ بىرى بىر قولىدىن، يەنە بىرى بىر پۇتىدىن ئايرىلغان ھالدا ئەسىرگە چۈشكەن.

ئارىدىن 8 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 12-كۈنى ئاۋغۇست كۈنى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە يامانيار ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار، يامانيار يېزىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يول تەكشۈرۈۋاتقان ئامانلىق خادىملىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. پىدائىيلار دەسلەپتە ئامانلىق خادىملىرىنى ئۆزلىرىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئەمما خادىملار پەيلىدىن يانمىغاندىن كېيىن، پىدائىيلار ئۇلاردىن ئۈچ نەپىرىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن ۋە يولىنى داۋام قىلغان.

بۇنىڭدىن 15 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى پەيزاۋات ناھىيىسىدە قىزىل بۇيا ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئەسلىدە يامانيار ۋەقەسىدىن كېيىن مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان 7 نەپەر پىدائىي، شۇ كۈنى قىزىلبۇيىدىكى بىر قوناقلىقتا قورشاۋدا قالغان. ئۇلار قوناقلىقتىن ئۇشتۇمتۇت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقىلى كەلگەن ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر ساقچى پونكىتى باشلىقى ۋە بىر نەپەر ساقچى خادىمىنى ئۆلتۈرگەن، 3 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە مىشا ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە 3000 دىن ئارتۇق كىشى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، قىزىل بۇيا ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان گۇماندارلار، مىشا يېزىسىدىكى بىر قوناقلىقتا قورشاۋغا ئېلىنغان. قورشاۋغا ئېلىنغان پىدائىيلار ئابدۇرېھىم ئەخەت، قېيىم باۋۇدۇن، ئىمام ھەسەن، ھەسەن ھوشۇر، ئابدۇسالام سۇلتان ۋە ئانارگۈل مۇتەللىپ قاتارلىق 9 كىشى بولۇپ، بۇلار خىل قوراللانغان خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا چارىسىز قالغان. ئەمما تەسلىم بولۇشنىمۇ قەتئىي رەت قىلغان. نەتىجىدە پىدائىيلاردىن 6 نەپىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 3 نەپىرى ئەسىرگە چۈشكەن.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەردە 500 گە يېقىن كىشى، شاۋگۈەن ۋەقەسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۈچۈن، ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىغا توپلانغان. ئەمما خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تارقىتىۋېتىلگەن.

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار، مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدىكى بىر زىبۇزىننەت دۇكىنىغا باستۇرۇپ كىرگەن، بۇ جەرياندا ئۆزلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان بىر نەپەر خىتاي ئامانلىق خادىمىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلار: نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم، ئىمىن داۋۇت، ئەمەت توختى، جۈمە ئابدۇۋايىت، ئەبەيدۇللا ئېزىز، نۇرېلىجان تۇرسۇن، نۇرمەمەت ھوشۇر، قۇربان نۇر، ئابدۇقادىر ساتتار، ئەركىن قادىر، ئەمەت قۇربان ۋە ئابدۇللا ئېلى قاتارلىق 12 كىشىدۇر.

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى يۇقىرىقى پىدائىيلار، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە كېچىدە باستۇرۇپ كىرىپ، مۇدىر ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن.

2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۇقىرىقى پىدائىيلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدىكى ياڭ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئىككى ئائىلىدىن جەمئىي 6 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش، كوچىدا كېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 6 كىشىنى يارىلاندۇرغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا، پىچاق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 4-ئاينىڭ 22 كۈنى، قەشقەردە يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش، شەھەرنىڭ قۇمدەرۋازا كوچىسىدا 39 ياشلىق بىر خىتاي ئايالنى بوغۇزلاپ تاشلىغان.

قەشقەردە ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگىنى، 21 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 40 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ۋە 2 ھەپتىدىن بېرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان قەشقەر يېڭىبازار ۋەقەسىدۇر.