خەلق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ
مەلۇمكى، 12 - ئاۋغۇست يامانيار ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىڭلىغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ۋە ساقچىلىرى قەشقەر تەۋەسىدە ۋەقە گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغىغان.
"ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى قەشقەردە كۆپلىگەن كىشىلەر ئاڭلايدۇ. بىز بۇ رادىئودىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىنقىلابىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرىمىز. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇدۇللۇق ئاڭلايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلغاچ، نەدە، نېمە بولغانلىقىنى بىلىش بىز ئۈچۈن بەك قېيىن ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىزنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان بىردىن - بىر قورال. ئابدۇرېشىت قاسساپنىڭ رەزىللىكىنى پۈتۈن قەشقەر خەلقى بىلىپ بولدى. بىز بۇنى رادىئو ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرىستان خەلقىگە بىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز."
بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا، خىتاي تەرەپنىڭ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئۇيغۇر خەلقى پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان. خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى خىتاي ساقچىلىرى ئەينى چاغدا مۇخبىرلارغا ئىقرار قىلغان ئىدى.
يېڭى خائىنلىق بايراقدارى
لېكىن ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ يېقىندا ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 27 - ئاۋغۇست قىزىلبۇيا ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە، ئابدۇرېشىت قاسساپ دېگەن بىر ئۇيغۇر خىتاي ساقچى - ئەسكەرلىرىگە تاماق توشۇپ، ئۇلاردىن ھال سورىغان. خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇرېشىت قاسساپ ئەسلى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن بولۇپ، قەشقەردە تىجارەت قىلىپ بېيىغان ۋە نام چىقارغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ بىرىكەن. قاسساپلىقتىن كۆتۈرۈلۈپ، يول ۋە يۈز تاپقان بىرىكەن. ئۇنىڭ قولىدا ھازىر قانچىلىغان دۇكان ۋە ئىشچى باركەن. ئۇ ئۆزىنى قەشقەردىكى تۆتنىڭ بىرى ساناپ ياشايدىكەن.
خائىنلار بىلەن ئالاقە قىلىش ھارام
ئابدۇرېشىت قاسساپنىڭ قىزىلبۇيىدا قوناقلىقتىكى ئىنقىلابچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ تۇرغان خىتاي ئەسكەر - ساقچىلىرىدىن ھال سوراپ بارغانلىقى ۋە بۇ يەردە ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ شېھىد بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئابدۇرېشىت قاسساپنىڭ ئۇلۇغ نامى يەر بىلەن يەكسان بولغان.
قەشقەر خەلقى دەرھال پەتىۋا چىقىرىپ، ئابدۇرېشىت قاسساپ بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇئامىلىنى ھارام قىلغان.
يېتىم قالغان خائىن
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت قاسساپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىللىق " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى" بولۇپ باھالانغان ۋە تەقدىرلەنگەن.
خەلق بولسا، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇناپىقلارغا ۋە خائىنلارغا بولغان نەپرىتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن، ئابدۇرېشىت قاسساپنى خەلق توپىدىن ئايرىپ تاشلاپ يېتىم قالدۇرغان.
خائىننىڭ رەزىللىكىنى خەلقى ئالەم بىلسۇن
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەتەندىن بۇ ھەقتە بىۋاستە مەلۇمات بەرگەن كىشىلەر مۇنداق دېگەن: "ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى قەشقەردە كۆپلىگەن كىشىلەر ئاڭلايدۇ. بىز بۇ رادىئودىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىنقىلابىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرىمىز. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇدۇللۇق ئاڭلايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلغاچ، نەدە، نېمە بولغانلىقىنى بىلىش بىز ئۈچۈن بەك قېيىن ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىزنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان بىردىن - بىر قورال. ئابدۇرېشىت قاسساپنىڭ رەزىللىكىنى پۈتۈن قەشقەر خەلقى بىلىپ بولدى. بىز بۇنى رادىئو ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرىستان خەلقىگە بىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز."