قەشقەردە كۆيدۈرۈپ تاشلانغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخى خانقا توغرىسىدىكى پىكىر - ئىنكاسلار

ھەممىمىزگە مەلۇم بولۇۋاتقاندەك، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخى سۈپىتى ۋە نەچچە يۈز يىللىق تارىخى ئۆيلەر شەھەرنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش دېگەن نام ئاسىتدا چېقىلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2011.12.23
qeshqer-kochisi-305.png قەشقەردىكى چېقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر قۇرۇلۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر كونا شەھەردىكى نۇرغۇن ئۆيلەرنى چېقىپ، شەھەر ئاھالىسىنى شەھەر سىرتىدىكى بىنا ئۆيلەرگە يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى شەھەر ئىچىدىن تارقاقلاشتۇرماقتا. قىسقى قەشقەر ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىي گۈزەللىك ھالىتىدىن، مەدەنىيەت - مىراسلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى شەھەر سىرتىغا سۈرگۈن قىلىنماقتا. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي مىراسلىرىنى بۇزۇپ - چېقىشنى داۋام قىلماقتا.

2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان، «مەنسۇرھاجى ھەزرەتلىرى خانقاسى» دەپ ئاتىلىدىغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بىر خانقا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە تارىخى 100 يىلدىن ئاشىدىغان قۇرۇلۇش بىنالار، مەسچىت - جامئىلەر، چىركاۋ ۋە بۇتخانىلار تارىخى مەدەنىيەت ئەسەر سۈپىتىدە ئالاھىدە قوغدىلىنىپ ساقلىنىدۇ. ئەمما بۇ خانقا تارىخىي سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دەۋرىگە تۇتىشىدىغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مۇھىم بىر تارىخى ئورۇن بولسىمۇ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى، قىممەتلىك يادىكارلىقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تارمىقىدىكى UNESCO پەن - مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىنىشى كېرەك بولماقتا.

خىتاي بۇ قىلمىشلىرىدىن نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ قانداق پايدىغا ئېرىشىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىرىنى ۋەيران قىلىشنى خالايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ۋە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، بۇ ۋەقەنى ب د ت نىڭ UNESCO پەن - مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيە قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا مۇراجەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.