قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 5 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىپ بولماقچى
2011.06.17
ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆيلەر 2000 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولغان مەدەنىيىتىنىڭ، شەھەرلىشىش تارىخىنىڭ ئابىدىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەزمۇت تۇرۇپ كەلگەن بۇ ئۆيلەر 2000-يىللارغا كەلگەندە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يەر تەۋرەشكە چىدامسىز خەتەرلىك ئۆيلەر» تىزىملىكىگە ئېلىنىپ چېقىلىشقا باشلىدى. قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىش، ئۆزگەرتىش تەكلىپى ئەسلىدە 2001-ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 2008-يىلىدا ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، 2009-يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى بۇ خىزمەتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى قىلىنغان، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5 يىل ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھەرنى چېقىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش پىلانىنى تاماملاپ بولۇش قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 7 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە چىدامسىز بولغانلىقتىن، يەر تەۋرەشتە خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ خەلققە پايدىلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ۋە باشقا چەتئەللىك مۇخبىرلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن بۇنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا چەتئەللىكلەرنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ۋە ئىلگىرى ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا ئورگانلاردىن بۇنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان ۋە نەتىجىدە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرى خىتايغا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىش قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.
ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «گلوبال پوست» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت فوندىنىڭ ئەزالىرى قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇچرىشىشتا قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ چېقىلىش مەسىلىسىگە خەلقنىڭ نارازىلىقىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق خادىمى بىترىس كالدۇن خانىمنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قەشقەردىكى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلارغا «قەشقەر قەدىمىي شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى چوقۇم يەرلىكلەرنىڭ پىكرىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەك» دېگەن ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ب د ت پەن-مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بولسا، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ رايوندىكى زىيارىتىنى تەتۈر تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى ب د ت نىڭ ئالاقىدار خادىملىرىمۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللىدى، دەپ تەشۋىق قىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ب د ت خادىملىرى بۇ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ دەرھال ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مانا شۇنىڭدەك، گەرچە خەلقئارا ئورگانلار ۋە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگۈچى شەخسلەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ پىلاننى بىكار قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانىنى توختاتماي بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجرا قىلماقتا. بولۇپمۇ 2009-ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىزمەتنى ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، 2010-يىلى 5-ئايدا بۇ ھەقتىكى قارار رەسمىي ماقۇللىنىپ، پۇل تەستىقلانغاندىن كېيىن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە جەمئىي 14 مىڭ ئائىلىلىك كۆچۈرۈلۈپ، 9000 غا يېقىن ئۆي چېقىلغان بولۇپ، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 15 مىڭغا يېقىن ئائىلىنى مەزكۇر رايوندىن كۆچۈرۈپ بولىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2015-يىلىغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە بۇ رايوندىكى بارلىق ئاھالىنى كۆچۈرۈپ بولۇش ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى تامامەن پۈتتۈرۈپ بولۇشنى پىلان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ،قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى 65 مىڭ ئائىلىلىك يەنى جۈملىدىن 220 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەرقانداق بىر كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرماقتا. گلوبال پوست گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، بۇنىڭ قانداقتۇر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلان ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا مەلۇمات بەرمەسلىكى، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ قەيەرگىچە بولىدىغانلىقى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئورنىنىڭ كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بەرمەسلىكىمۇ بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى كۈچلەندۈرمەكتە، دەپ بايان قىلغان ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى زامانىۋىلىقتىن خالىي ھالدا ئۆزىگە خاس ھايات ئىستىلىنى مۇكەممەل ساقلاپ قېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان بۇ قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ مەڭگۈ يوقىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.