بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى "ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق" دەپ ئەيىبلىدى.
ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان . قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدىكى خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە "ھەممىنى چۈشىنىش، ھەممىنى تەكشۈرۈش، ھەممىنى ئېنىقلاش، ھەممىنى ئىگىلەش" خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى 100%كە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" گە قاتناشقان كادىرلارغا قارىتىلغان تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىلەش، بۇ كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىكى ئەھۋالى ھەم قوش تىل سەۋىيىسىنى قەرەللىك سىناپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم جايىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر يېزا كادىرى ئۇلارنىڭ يېزىسىدىمۇ ھازىر "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتى" ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ ھازىرچە تەجرىبىسىز يېڭى خىزمەتچى بولغىنى ئۈچۈن، بۇ خىزمەتكە قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يېزا كادىرى: "بىز تېخى يېڭىياچە بولغاچقا بىزگە ئۇنداق خىزمەتلەرنى تاپشۇرمىدى. ھازىر يېزىغا چۈشۈپ ئىشلەۋاتقان كادىرلارنى ھەر بىر كەنتكە ئىشلەش ئۈچۈن بۆلۈۋەتتى. ئۇلارغا دېھقان ئائىلىلىرىنى تەقسىملەپ، بۇ كادىرلارنى "تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش ، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتىگە چۈشۈردى."
ئۇ بىزگە يەنە بۇ خىزمەتنىڭ ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، يېزىغا خىزمەتكە چۈشكەن كادىرلارغا ئادەم بېشىغا 30 ئائىلە تەقسىم قىلىنىپ، دېھقانلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
يېزا كادىرى: "ئۇلار دېھقانلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئېنىقلايدۇ. يەنى شۇ ئائىلىدە سىياسىي خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەنلەر بارمۇ؟ دېھقانلار نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؟ ئۆيلىرىگە يىراق يېقىندىن كېلىدىغانلار بارمۇ؟ دېھقانلار قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟ دېھقانلار ئائىلىسىدە قانداق يېڭىلىقلار بار؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئېنىقلايدۇ. ھازىر ھەر بىر كادىرغا 30 ئائىلىنى بۆلۈپ بەردى. بۇ كادىرلار ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ، مەن سىلەرگە مەسئۇل كادىر. سىلەرنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرىڭلار بار؟ ئەھۋالىڭلارنى بىزگە دەيسىلەر. قانچە مو يېرىڭلار بار؟ بالىلىرىڭلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ قەيەرلەردە ئىشلەيدۇ؟ سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار بارمۇ؟ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. ئومۇمەن شۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، "تۆتنى ئېنىقلاش تۆتنى ئىگىلەش" ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق سىياسىي جەھەتتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى 60 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم خىتاينىڭ "دۆلەت بايرىمى" مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان، "100 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى" گە يەنە، مەخسۇس "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش" دەپ ئاتالغان بۇ خىل سىياسىي جەھەتتىن زەربە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىپلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رايوندىكى مۇقىملىق مەسىلىسى خىتاينى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەت، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى بايلىق مەنبەسى بولغان بۇ زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.