' قەشقەر خانلىق مەدرىسى يەر يۈزىدىن يوقۇتىلسىمۇ تارىختىن مەڭگۈ يوقالمايدۇ '

قەشقەر قەدىمىي رەستىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىۋاتقانلىقى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغاۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىن خەۋەردار، قەشقەرنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنى ئېچىندۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي بىلىم يۇرتى بولغان قەشقەر خانلىق مەدرىسنىڭمۇ خىتاينىڭ قولى ئارقىلىق يەر يۈزىدىن مەڭگۈلۈك يوقىتىلغانلىقى ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىي ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى غەرەز قىلغان بۇ ھەرىكىتىدىن نارازى بولغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تارىخچى قاھار بارات، تۈركىيىدىكى نەشرىياتچى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر ئىستانسىمىزدا بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن قەشقەر خانلىق مەدرىسنىڭ چېقىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.