مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ قەشقەرنى بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ھەققىدە توختالدى

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھاياتى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بۇ شەھەرنىڭ مىللىي خاسلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلدىن باشلاپ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، شەھەر مەركىزىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش پىلانىغا 440 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى چېقىش پىلانىنى توسۇپ قالالمىغان. ئاتالمىش مەركەزنىڭ 2010‏-يىلى 5‏-ئايدا چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» قەشقەرنى چېقىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش تۈگۈنىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرنى «ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون» قىلىپ قۇرۇش چىقىشنى قارار قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قەشقەرنى چېقىش پىلانىنى ئاقلاپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان ياۋروپا پارلامېنتى، ب د ت مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش ئورگانلىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا چېقىش پىلانى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە شەھەر تازىلىقىنى قوغداش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى. بىراق، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، قەشقەر شەھىرىنى چېقىشتىكى مەقسەتنىڭ ئاھالە يۆتكەپ، قەشقەرنى 2020‏-يىلغا قەدەر بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئاز كەم 500 مىڭ كىشىلىك شەھەر نوپۇسى يەنە 2 ھەسسە كۆپەيتىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. لېكىن، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ نوپۇسنىڭ قەيەردىن يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدىغانلىقىدا ھەمپىكىر. لېكىن، ئامېرىكىدىكى خىتاي يازغۇچى ۋە جەمئىيەتشۇناس شيې شيەنجۈن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر ئارقىلىق «شىنجاڭ» دا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ يېڭى مۇقىمسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ «كۆچمەنلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى كونترول قىلىشىغا پايدىلىق. ئۇلار خەنزۇ كۆچمەنلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى كونترول قىلىش ئوڭاي دەپ قارايدۇ. بىراق، كۆچمەنلەر يەرلىك مىللەتنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇڭا بۇ خىل سىياسەت يېڭى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. لېكىن، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، ئەگەر خىتاي كۆچمەنلەر يەرلىك مىللەتكە ياردەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرسە ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلىسا، بۇ يەرلىك مىللەتنىڭ خەنزۇ كۆچمەنلەردىن بىئارام بولۇش تۇيغۇسىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇمشىتىشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا كۆچمەنلەرنىڭ سالغان زىيىنى كۆپ بولۇپ كەتسە، زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىدۇ. بىراق، ئومۇمەن كۆچمەنلەرنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى زىيىنىنى تولدۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ يەرلىك مىللەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان بىر مەسىلىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.

قەشقەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوتەن قاتارلىق ھازىرغا قەدەر خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەيدىغان ئاز ساندىكى يۇرتلارنىڭ بىرى ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدىغان بۇ قەدىمىي شەھەرگە بۇنچىلىك كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەردىكى نەچچە ئون ئەسىرلىك ئۈستۈنلۈكىگە قىسقىغىنە 10 يىلدا خاتىمە بېرىشنىڭ سىياسىي‏-ئىجتىمائىي تەسىرى ناھايىتى زور بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شيې شيەنجۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش ئېلىپ بارسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى چېقىپ، ئۇلارنى كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‏ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قورۇ-جايلارنى مەجبۇرىي چاقىدىغانلىقى چوقۇم. ئېھتىمال بۇنىڭ دەرىجىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىدىن بىر ئاز يۇمشاق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭ مىللىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا ئىنكاس پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئېھتىمال ئۇلار ناھايىتى سېلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، چېقىشى مۇمكىن. بىراق ئۇلار يەرلىكنىڭ ئۆي ماكانىنى چوقۇم چاقىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ سىياسىتى. ئۇلار پەقەت ئۇسۇلىنى بىر ئاز يۇمشىتىپ، كۆپرەك پۇل بېرىش دېگەندەك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇ-جايىنى چېقىپ، كۆچمەنلەرگە ئۆي ھازىرلاشتۇر.»

شيې شيەنجۈن، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئارقىسىدا كۈنلەرنىڭ بىرى جۇڭگو ئاجىزلاشسا، «شىنجاڭ» مۇستەقىل بولۇپ كېتىدۇ، دەيدىغان ئەندىشىسى ياتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇ نەرسىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ ئاجىزلاشقان ھامان شىنجاڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىمۇ بۇ ئەھۋال مەۋجۇت. بولۇپمۇ، شىنجاڭ ئىرقىي، دىنىي، ئېتنىك مەدەنىيەت جەھەتلەردىن خەنزۇلارغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەنزۇ كۆچمەنلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى خەنزۇلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇنى مەڭگۈ كونترول ئاستىدا تۇرۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن، شيې شيەنجۈن خىتاينىڭ غەربنى ئېچىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك گلوباللىشىش ئېقىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى بۇ خىل گلوباللىشىش ئېقىمىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر قەشقەرنىڭ نوپۇسى 470 مىڭ. بۇنىڭ يېرىمى ياكى يېرىمىنىڭ بىر قىسمى خەنزۇلار بولۇشى مۇمكىن. كەلگۈسىدە قەشقەرنىڭ نوپۇسى بىر يېرىم مىليونغا كۆپەيسە، بۇنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليونى خەنزۇلارنى تەشكىل قىلىدۇ دېگەنلىك. ئۇ چاغدا ئېھتىمال باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 20% كە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ گلوباللىشىشنىڭ شىنجاڭغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەنزۇ كۆچمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش گلوباللىشىشقا قارشى تۇرۇش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. گلوباللىشىش ئۇيغۇرلار قارشى تۇرۇپ توسالايدىغان نەرسە ئەمەس. چۈنكى، بۇ دۇنياۋى ئېقىم. بىراق ئۇيغۇرلار گلوىباللىشىش جەريانىدىكى خەنزۇلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يولىنى تۇتۇپ، بۇ ئىككى نەرسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قارىشى لازىم.»

ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى خىتاينىڭ قەشقەرنى كېڭەيتىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىزچىل توسالغۇ بولۇپ كەلگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىنى، خىتاي گېئولوگلىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئومۇمى كۆلىمى 1296 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ بايلىقى مەنبەسى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ قەشقەرنى كۈنىگە 314 مىڭ كۇپمېتىر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.