بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەردىن ۋاشىنگتون پوچتىسى ۋە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتلىرىمۇ يەر بەرگەن ئىدى.
يېقىندا كالىفورنىيىدىكى
[ مۇتەخەسسىس مىرىئام ج ۋودىس خېنىمOpens in new window ]
، مەزكۇر شەھەرنى ۋەيرانچىلىقتىن توسۇپ قېلىش ئۇچۇن ئىنتېرنېتتە ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىمۇ باشلىغان بولۇپ، ۋودىس خېنىم يەنە ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىلىشتىن قوغداپ قېلىشتا قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەردە بولۇشقا ئۈندىگەن ئىدى.
قەشقەرنى قوغداپ قېلىش قول قويۇش پائالىيىتىدىكى نىشان 1000 كىشى بولۇپ، ئىمزا قويغۇچىلار 1000 نەپەرگە يەتكەندە، ئىمزا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلىدىكەن. ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، كانادا، پېرۇ، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىمزا پائالىيىتىنى قوللاش بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىمزا بېتىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئىپادە قىلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر تارىخى قىممەتكە ئىگە بولغان ئۆيلەرنى يوق قىلىمەن دېيىشىنىڭ ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بىز بۇ قېتىمقى ئىمزا پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قانچە كىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. كىچىك يېشىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە ۋېرجىنىيا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان شېرىن بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تور بېتىدە يەنە، پرېزىدېنت ئوباماغىمۇ ئۇزۇن بىر خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كىچىك يېشىدا ئامېرىكىغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئوبامانى ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئوبامانىڭ قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى قوغداپ قېلىشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقانلاردىن نيۇيوركتا ياشاۋاتقان تۈركىيىلىك قانۇن ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مەھمەت باشئوغلۇ مۇنداق دېدى: "خىتاينىڭ بۇ قىلغىنى ئېنىقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشىنىڭ بىر پارچىسىدەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. چۈنكى ئەگەر راستىنلا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي ياسايمىز دەپ كونا ئۆيلەرنى ئۆرۈۋاتقان بولسا، بۇنىڭ باشقا ئاماللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇ ئۆيلەرنى ئۆرىمەي تۇرۇپمۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دۇنيا بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئەسلىدە ئۇ تارىخى ئۆيلەر پۈتكۈل تۈرك تارىخىغا ئائىت. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەرمۇ بۇ مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدىغان تارىخى ئۆيلەرگە ئىگە چىقىشى، ئۇلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىگە بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كۈچى زور بولغانلىقتىن ئۇلار ئۇنداق گەپنى دېيەلمەيدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەھۋاللار بۇرۇنمۇ بولغان."
ئۇ بىزنىڭ قەشقەردىكى قەدىمىي ئۆيلەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىمزا پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئەلۋەتتە بار. ھېچ بولمىغاندا غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ زېھنىدە مۇشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بارلىقىنى ئورنىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى بار. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق جامائەت پىكرى يارىتىشقا بولىدۇ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق خىتايغا بۇ جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەن يەنە بۇ ئەھۋالنى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىسلام كونفىرانسىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارغىمۇ بىلدۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. ئامېرىكىمۇ بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. شۇڭا بۇ خىل ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ۋە باشقا خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈۋېتىلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. دۇنيا بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالماسلىقى كېرەك، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى بۇنىڭغا تېخىمۇ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك."