د ئۇ ق 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى ھەققىدە قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدە 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. قۇرۇلتاي جەريانىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى قۇرۇلتاينىڭ 3 يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتايدا يەنە قۇرۇلتاي نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى دېموكراتىيەلىك يوللار بىلەن سايلاپ چىقىلدى ۋە قۇرۇلتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. ئاۋسترالىيە، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان ۋەكىللەر قۇرۇلتاينىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىشتى.

بۇ قۇرۇلتاي قانداق ئۆتتى؟ قۇرۇلتايدا قانداق مۇھىم قارارلار ئېلىندى؟ بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشنى خالىسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە تەييارلىغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.