بۇ پائالىيەتكە قەيسەرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تەشكىلاتىنىڭ 19 يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ قەيسەرىدە ياشاۋاتقان ۋەتىنىگە بېرىپمۇ باقمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىش مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇلھېكىم ئەپەندى تۈركىيىگە ئاتىلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئاق ساقاللار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھازىر شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئىككىنچى نەسىلنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى نەسىل ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.