كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف بىر قاتار زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق يېڭى ۋە سابىق باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەنە كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئەدمىنتون ۋە كالگارى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە خادىملىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

0:00 / 0:00

يېقىندا، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالماشقان بولۇپ، ئەسلىدىكى سابىق ئەلچى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ئەلچى تەيىنلەندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادادىكى خىتايدا دېموكراتىيە ناملىق تەشكىلاتنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يېڭى باش ئەلچىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا داخىل بولدى. باش ئەلچى قېيۇم مەسىمۇف بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. بۇ غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىش بولغانلىقى ئۈچۈن قېيۇم مەسىمۇف سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي مەزمۇنىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، كانادا ئاسىيا ئىشلىرى كومىسسىيونىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان قېيۇم مەسىمۇف يىغىن جەريانىدا كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرغان سابىق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كانادادا قانداق سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئالغان.

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسى كانادانىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ گۈللىنىۋاتقان نېفىت ئۆلكىسى بولۇپ، بۇ ئۆلكىنىڭ كىشى بېشى ئىقتىسادى كىرىمى پۈتۈن كانادا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ ئەدمىنتون ۋە كالگارى شەھەرلىرىدىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بولۇپ، كانادانىڭ بۇ ئىككى نېفىت شەھىرى كانادادىكى ئۇيغۇرلار نەزىرىدە، قاراماي ۋە مايتاغ شەھەرلىرىگە تەقلىد قىلىنىدۇ. 1933-ۋە 1944-يىلى قەشقەردە ۋە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ئەدمىنتون ۋە كالگارى شەھەرلىرىگە قارىتا 2 كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارغان قېيۇم مەسىمۇف كالگارى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى. بۇ ئىككى شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يوقلاش ۋە ئۇلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، قېيۇم مەسىمۇفنىڭ سايلام رىقابىتى جەريانىدا كۆپچىلىككە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

كالگارى شەھىرىگە قاراتقان زىيارەت جەريانىدا قېيۇم مەسىمۇف، كالگارى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كالگارى شۆبىسىدىكى خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان.

كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسى يەنە خىتاي ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا خىتاي 15 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق سەرمايە بىلەن سېتىۋېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان نېكسون نېفىت شىركىتى مۇشۇ ئۆلكىگە جايلاشقان. خىتاينىڭ كانادانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى سېتىۋېلىشىغا قارىتا بۇ ئۆلكە خەلقى ۋە ئۆكتىچى پارتىيىدىكى سىياسەتچىلەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خارپېر كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنى كانادانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى خىتايدەك بىر دىكتاتور دۆلەتكە سېتىش بىلەن ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلمەكتە. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان قېيۇم مەسىمۇف ئەدمېنتون ۋە كالگارى شەھىرىگە قاراتقان 2 كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا كالگارىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاينىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ كېلەچەكتە كاناداغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.