تېكەبايېف بۈگۈن قىرغىزىستان دۆلەت تېلىۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزىدە يەنە، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . تېكەبايېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى لايىھىسىىدە پرېزىدنتنىڭ ھوقۇقلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىمە قويۇلغان. يەنى ھوقۇقنىڭ مەلۇم بىر شەخىسنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن پارلامېنتتا ھەر قانداق بىر پارتىيەنىڭ ۋەكىل سانى 50 دىن ئاشمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
تېكەبايېف يەنە، يېڭى ئاساسىي قانۇندا، پرېزىدېنت ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ دۆلەتتىن ھەر قانداق شەكىلدە ياردەم ئېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى؛ پرېزىدېنتنىڭ پەقەت ئۆز مائاشىغا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق مەسىلە ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەنە، باشقا قانۇنلاردىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشى ۋە بىرقىسىم بۇرۇنقى سىياسىي ۋە ئىجتىمائى دېلولارغا قايتا قارىلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.
1998 - يىلى ئەخمەد گۇنان ۋە ئەسقەر توختى قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر قازاقىستاندا قانۇنسىز قورال يۆتكەش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان؛ ئارقىدىن ئۇلار، قىرغىزىستاندىكى بىر ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىش گۇمانى بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە قىرغىزىستاندا سوتقا تارتىلىپ، ئۇلاردىن ئىككى نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن؛ ئارقىدىن ئۆلۈم جازاسى مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتىلگەن. ئەينى چاغدا ئادۋوكاتلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى، يەنى ھۆكۈمنىڭ پاكىتقا ئەمەس، پەقەت توھمەتكە تايانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكەن. بىراق ئاقايېف ۋە باقىيېف ھۆكۈمەتلىرى نارازىلىقلارغا ھازىرغىچە قۇلاق يوپۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر دېلوغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مەزكۇر 4 ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى روزا ئوتۇنبايېۋاغا قارىتىپ بىر ئوچۇق خەت تەييارلىغان .
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتىكى مەزگىلنى مەزكۇر توت ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ھالقىلىق بىر پۇرسەت دەپ قاراشماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.