مەسچىتكە كىرىشى تەقىپ قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى قىمارخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئەركىن قويۇۋېتىلدى

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، مەشرەپ ئوينىشى ۋە ھەتتا پۇتبول ئوينىشىغا قەدەر چەكلىمە قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىمارخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزۈشى ۋە پۇل ئۇتتۇرۇشىغا كۆز يۇمماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، شىخەنزىنىڭ كونا بازار رايونىدا، بۇ ئەھۋال تېخىمۇ روشەن. بۇ ئەھۋال كونا بازاردا ئۇششاق تىجارەت بىلەن كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە بەرمەكتە. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كونا بازاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر يېقىندا شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بېرىپ، تەۋەلىكىدىكى قىمارخانىلارنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

شىخەنزە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر؛ شىخەنزىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 670 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20 مىڭدىن تۆۋەن. ئىنكاسلاردىن قارىغاندا شىخەنزىدىكى 10 چوڭ قىمارخانىنىڭ 8ى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون - كونا بازارغا جايلاشقان. دىنىي، مىللىي پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ قىمارخانىلارغا كىرىپ - چىقىش ۋە قىمار ئويناشتا ئەركىن. مەلۇم بولۇشىچە بوش ۋاقىتلىرىنى مانا بۇ قىمارخانىلاردا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە، ئالدى يۈزمىڭ يۈەن، ئارقىسى 5 - 6مىڭ يۈەندىن پۇل ئۇتتۇرغان.

كونا بازاردىكى ئۇيغۇرلار، پەرزەنتلىرىنى يامان يولدىن توسۇش ۋە ئىقتىسادى زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قىمارخانىغا توپلىشىپ بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئارقىدىن شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، كونا بازاردىكى قىمارخانىلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. شىخەنزە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى دائىرىلەر شىخەنزىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ۋە سوتقا ئەرز قىلىشقا بۇيرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ساقچى باشلىقلىرى بىلەن قىمارخانا خوجايىنلىرىنىڭ مەنپەئەت ئورتاقلىقى بارلىقى يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز - ئا را شېرىكچىلىكى بارلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتە سۆز - چۆچەك تارقالغان بولۇپ، شىخەنزىدىكى ئۇيغۇرلار دائىرىلەردىن ئېرىشكەن جاۋابلىرىدىن مەزكۇر سۆز - چۆچەكلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى بايقىغان. شىخەنزىدىكى ئاتا - ئانىلار قىمارخانىنى تاقاش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سۇنۇش داۋامىدا، دائىرىلەر بىلەن ئارىلىرىدا بىر نەچچە قېتىم تالاش - تارتىش ۋە غەۋغا يۈز بەرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ساقچىلىرى يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان سىياسىي دېلولارنى پاش قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرسەتكەن ماھارىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىروئىن ئەتكەسچىلىرىنى بايقاش ۋە جازالاشتا كۆرسىتەلمەي كەلگەن؛ ئەمدىلىكتە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرسىتىۋاتقان ماھارىتى قىمارخانىلارنى بايقاش ۋە كونترول قىلىشتا ئاجىزلىق قىلماقتا.