شىخەنزە شەھىرىنىڭ كونا بازار مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مەھەللىدە 8 قىمارخانىنىڭ بارلىقىنى، بۇ قىمارخانىلارنىڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. رادىئومىز ۋەقەنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەسچىتتىن توسقان خىتاي ھۆكۈمىتى قىمارخانىغا كىرىشىگە ئەركىن قويۇپ بەردى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە قىمارخانىلار جەمئىيەتكە زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن، خىتاي قانۇن-تۈزۈملىرىدىمۇ بەلگىلىك شەرت ۋە ئۆلچەملەر بېكىتىلگەن. مەسىلەن، بىر كۈندە بىر كىشىنىڭ ئويناش قېتىم سانى، پۇل تىكىش مىقدارى بېكىتىلگەن. يەنە قىمارخانىلارنىڭ سانىمۇ رايوندىكى نوپۇس سانىغا قاراپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ياشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ مىقداردا پۇل تىكىۋاتقان ياكى ئۇتتۇرۇۋاتقىنىنى كۆرگەندە ئۇنى ئويۇندىن چەكلەشمۇ بېكىتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىمارخانىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللەردىكى قىمارخانىلار، بۇ خىل ئۆلچەملەرگە پەرۋا قىلمىغان. دائىرىلەرمۇ بۇ ئەھۋالغا كۆز يۇمغان. نەتىجىدە شىخەنزە كونا بازاردىكىگە ئوخشاش ئاھالىلەر ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىغان.
رادىئومىز يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا خەۋەر قىلغان. يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەسچىتكە كىرىشتىن، مەشرەپ ئويناشتىن، ئانا تىلىدا ئوقۇشتىن چەكلىگەنلىكى، ئەمما قىماردىن توسمىغانلىقى پاش قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شىخەنزىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، مەزكۇر قىمارخانىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرنى يىغىپ ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلىغان. ساقچىلار بۇ جەرياندا ئەھۋال ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇچىلارغا ئاز-تولا تەھدىت سېلىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى قىمارخانىلارنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئائىلىلەرگە تارتقان زىيىنىنىڭ بىر قىسمى ياكى يېرىمى قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئاھالىلەر قىمارخانىلارنىڭ تاقىلىشىنى ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ بو شىلەي ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسىگە نورمالدىكىدىنمۇ زىيادە دىققىتىنى بېرىشى، تېخىمۇ توغرىسى ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى مەزكۇر قىمارخانىلارنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.