جامالىدىن ناسىروف قىرغىزىستان ئىناقلىق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە كۆرسىتىلدى

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتنى دېموكراتىك ئاساستا باشقۇرۇش مەقسىتىدە 23 - مارت ئاچماقچى بولغان خەلقلەرنىڭ بىرلىك ‏ - ئىناقلىق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىنىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى نامزاتلىقىغا قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جامالىدىن ناسىروف كۆرسىتىلدى. بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام ھاجى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.