بەش بۇرجەكلىك بىنا: ئامېرىكا - قىرغىزىستان ھەربىي بازا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ

قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇ يىل 3 ‏- ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بىكار قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قىرغىزىستان - ئامېرىكا ئارىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن قىرغىزلار بازىنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئامېرىكىنىڭ 6 ئاي ئىچىدە بازىنى تەرك ئېتىشى لازىم ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا يېڭى ھەربىي بازا ئىزدەشكە كىرىشكەن. لېكىن ئامېرىكا ھەربىي بازىنىڭ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىدىكى سۆھبەت ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ ھەربىي بازىنىڭ ئىجارە ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

قىرغىزىستان ئامېرىكىغا ئىجارىگە بەرگەن بېشكەك ئەتراپىدىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە ۋە تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنى لاۋازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم تەمىنات تۈگۈنى ئىدى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا ھەربىي بازىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتىكى پرېزىدېنت قارارنامىسىنى قىرغىزىستان پارلامېنتىغا سۇنغان.

پارلامېنت 3 - ئايدا باقىيېفنىڭ قارارىنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا ئافغانىستانغا ھەربىي تەمىنات توشۇيدىغان يېڭى ھاۋا قاتناش لىنىيەسى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئامېرىكا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان يېڭى ھەربىي بازا ئىجارە ئېلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىزىستان بىلەن ماناسنىڭ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى سۆھبەتنى توختاتمىغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى Geoff Moreel ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ " قىرغىزىستان بىلەن بولغان ماناس مەسىلىدىكى سۆھبىتىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بار. مېنىڭچە بۇ مەسىلىدە تېخى بىر نېمە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كەلمىدى. لېكىن بىز بازىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق" دەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، Morrel يەنە "بىزنىڭ ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈشىدىن ئۈمىد كۈتىشىمىزگە سەۋەب بار" دېگەن.

ئەمما، قىرغىزىستان ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىنكار پوزىتسىيىسى تۇتۇۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى چۇدىنوف ئامېرىكا بىلەن ماناس توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغان. چۇدىنوف چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن ":ھېچكىمگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن ئەمەس".

تۇركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلەر دوكتورى، ئىستراتېگىيەشۇناس ئەركىن ئەكرەم، قىرغىزىستاننىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ماناس كوزۇرىنى ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇ قىسقا مەزگىلدە قىرغىزىستانغا بەزى پايدىلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىلدە زىيان تارتىدىغان دۆلەتنىڭ يەنىلا قىرغىزىستان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ماناستىكى ھەربىي بازىسى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا ھەر ئايدا 500 توننا ماددىي ئەشيا، 15 مىڭ ھەربىي خادىم يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى بىردىن - بىر ھەربىي بازىسى ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە قۇرغان ھەربىي بازىسى رايوندىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھامىيسى رۇسىيە بىلەن، قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توساش قايغۇسىدىكى خىتاينى ئۈزلۈكسىز بىئارام قىلىپ كەلگەن. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېفنىڭ بۇ يىل 2 - ئايدىكى موسكۋا زىيارىتىدە، رۇسىيە قىرغىزلارغا 2 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولۇپ، باقىيېف ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقاش قارارىنى موسكۋادىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئېلان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئەركىن ئەكرەم، پاكىستان ۋەزىيىتىدىكى يېقىنقى جىددىيچىلىك ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يەنە مەلۇم ۋاقىت ئىشلىتىشىگە سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا پاكىستاننىڭ سەرھات رايونىدىكى تالىبانلار پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ 60 كىلومېتىر نېرىسىدىكى بۇنېر دىگەن جايغا قەدەر يېتىپ كەلگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پاكىستان دائىرىلىرىنى تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تەدبىر ئالماي ئىزىلەڭگۈلۈك قىلدى دەپ تەنقىدلىگەن. ئەركىن ئەكرەم، تالىبانلارنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تەھدىت سېلىش كۈچى زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئۈچۈن ماناستىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئەھمىيىتى زورىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى Geoff Morrel ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بازا توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر بازىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان يېڭى بازا ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن بازا ھەققىدىكى باياناتىدا، ماناس بازىسىنىڭ ئورنىغا بەزى تاللاش ئوبىكتىلىرىنى بايقىغانلىقىنى شۇنداقلا بىر قاتار مۇمكىنچىلىكى بولغان ئوبىكىتلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.