قىرغىزىستاندىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى

بۈگۈن 19 - ماي كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئاباد ئوبلاستىدا باقىيېف تەرەپدارلىرىنىڭ، ئۆزبېك پۇقرالىرى ئاچقان "مىللەتلەر دوستلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتى"غا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبلىك قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

0:00 / 0:00

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ

بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئاباد ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتاOpens in new window ]

50تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىپ، 2 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىز جالالئاباد ئوبلاستىدىكى قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ھەم رايوندىكى مىللەتلەر نىسبىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاد قاسىم ئەپەندى ھەم ئەزەربەيجانلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى ئانار نېسىب ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

ئازاد ئەپەندى ئوش، جالالئاباد ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە توختىلىپ، توقۇنۇشتا 70 ئادەمنىڭ يارىدار بولۇپ، 2 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھازىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئانار نېسىب ئەپەندى، بۇ قېتىم قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشنىڭ پەقەت قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئازاد ئەپەندى قىرغىزىستاننىڭ ئوش، جالالئاباد رايونىدىكى مىللەتلەر نىسبىتى ھەققىدە توختىلىپ، رايوندا تەخمىنەن 2 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە ياشايدىغانلىقىنى، 1 يېرىم مىليون ئەتراپىدا قىرغىز، 1 مىليون ئەتراپىدا ئۆزبېك، رۇس ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، قاراسۇ قىشلىقىدا 19 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى، ئەمما رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئاساسەن ئۆزبېك تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى، رايوندا ئۆزبېكلەرنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئازاد ئەپەندى، ھازىر قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوش رايونىدا ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇش خەۋپى ھەم قىرغىزىستاننىڭ پارچىلىنىپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش، جالالئاباد ئوبلاستىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش ھەم قىرغىزىستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.