قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى موسكۋا ۋە ۋاشىنگتون بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف 7 - ئاپرىل كۈنى بىشكەكتە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ئۆز يۇرتى جالالئابادقا بېرىۋالغان ھەمدە ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى مەيدانىنى ئىزچىل ئىپادە قىلغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى ئۇ ئەگەر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسا، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈگۈن ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بەردى.

0:00 / 0:00

15 - ئاپرىل كۈنى ئوش شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، باقىيېف سۆز قىلىۋاتقاندا ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، باقىيېف مەيداندىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئارقىدىنلا، ئىككى مىڭ ئەتراپىدا يېڭى ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، قوراللىق باقىيېف تەرەپدارلىرى يىغىن مەيدانىغا كىرمەكچى بولغاندا، يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.

دوكتور ئەلىشىر خەمىدوۋ: قۇرمانبېك باقىيېف ھەر قانچە قىلسىمۇ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، شۇڭا ئىچكى ئۇرۇشمۇ بولمايدۇ

نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ۋەزىيىتى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لېكىن، باقىيېفنىڭ ئىستىپا بەرمەسلىكى يەنىلا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ۋاشىنگتوندىكى جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئالىشىر خەمىدوۋ ئەپەندى پرېزىدېنت باقىيېفنىڭ نۆۋەتتە ئۆز يۇرتىدا ئۆز تەرەپدارلىرىنى توپلاۋاتقانلىقىنى، بۇ جايدا ئۇنىڭ خېلى كۆپ ساندا قوللىغۇچىلىرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، خەلقنىڭ ئومۇمەن يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش يىغىنىغا كەلگەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ برۇكىڭ ئىنىستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئۇرۇش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جاينىڭ ئافغانىستانغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بىراق، ئۆزى ئوش شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان ئەلىشىر خەمىدوۋ ئەپەندى بولسا، ئىچكى ئۇرۇش كۆز قارىشىنىڭ بىر مۇبالىغە ئىكەنلىكى، قىرغىزىستان جەنۇبىدا باقىيېفنى قوللايدىغانلارنىڭ يەنىلا ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

تەھلىللەردىن قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قىرغىزلارنىڭ قەبىلە، ئۇرۇق ھەتتا تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى شىمال تەرەپتىكى قىرغىزلاردىن قىسمەن پەرقلىق بولۇپ، باقىيېفنىڭ جەنۇبلۇق قىرغىزلاردىن كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشى بىلەن ئىككى رايون ئارىسىدا ئىختىلاپ كۈچىيىشى ۋە بۇنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر ۋەقەلەرگە ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنلىكى كىشىلەرنى خەۋپسىرەتمەكتە.

دوكتور خەمىدوۋنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبى ۋىلايەتلىرىدە زور ساندا ئۆزبېكلەر ياشايدۇ، بۇ جاي پەرغانە ۋادىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ رايون ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تۇتىشىدۇ. باقىيېف دەۋرىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئاساسلىقى قىرغىزلار ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزبەكلەرنىڭ بۇ ساھەلەردە ئىشلەش ئەھۋالى تۆۋەنرەك بولغان، بۇ يەردىكى ئۆزبېكلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى، تىل مەسىلىسى ۋە باشقا مۇئەممالىرى مەۋجۇت. بىراق، ئەلىشىر خەمىدوۋنىڭ قارىشىچە، جالالئاباد ۋە باشقا جايلاردىكى ئۆزبەك جامائىتى ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارغا قارشى بولۇپ، ئۇلار يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئۈمىدلەردە بولماقتا.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتىمۇ يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللاپ، ئىئانە توپلاش ئېلىپ بېرىپ، 7 - ئاپرىلدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم تۇتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋىئاباتلىرىغا ياردەم بەرگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىرغىزلار بىلەن ئۇرۇق - تۇغقان خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە

نۆۋەتتە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالماسبېك ئاتامبايېۋنىڭ باشچىلىقىدا ئىككى قېتىم موسكۋادا زىيارەتتە بولدى.

ئالماسبېك ئاتانبايېۋ 14 - ئاپرىل كۈنى يەنە بىر قېتىم موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، رۇسىيە قىرغىزىستانغا 20 مىليون دوللار ياردەم ۋە 30 مىليون دوللار قەرز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق، باش مىنىستىر پۇتىن قىرغىزىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلار ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرى، ئىجتىمائىي ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق شارائىتىدا ئۇلارنىڭ رۇسىيىدىن ياردەم سورىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئالماسبېك ئاتانبايېۋ 14 - ئاپرىل كۈنى يەنە موسكۋادا رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشكەن، شۇنىڭدەك پۇتىن باقىيېف بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ، بىراق ئۇلار ئارىسىدا نېمە سۆز بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

نۆۋەتتە، بىشكەك يېنىدىكى قەنت رايونىدا رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى مەۋجۇت بولۇپ، قىرغىزىستان رۇسىيە بىلەن بىرگە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتتۇر.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئامېرىكىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىدۇ

14 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسى روبېرت بلېيك بىشكەككە يېتىپ كېلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى روزا ئوتۇنبايېۋا بىلەن سۆزلەشكەن. ب ب س نىڭ يېزىشىچە، روبېرت بلېيىك سۆزلىشىشتىن كېيىن، "مەن قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پلانلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىدلەندىم. چۈشىنىشىمىزچە، بىز ئۇلارنىڭ قىيىن ۋەزىيەتتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىمىز،" دېگەن.

ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقى مەلۇم بىلدۈرۈلگەن ئىدى. روزا ئوتۇنبايېۋا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كېلىشىملەرنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. روزا ئوتۇنبايېۋا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارىي كلىنتون خانىم بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىسى بىلەنمۇ ئۇچراشقاندا، ئۇ، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەلىشىر خەمىدوۋ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەھلىل قىلىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ تەسىرى ۋە كۈچىنىڭ ھازىرچە تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن ناچار ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت خىتايدىن ياردەم تەلەپ قىلمىدى

ئەمما، ھازىرغىچە قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى شۇنىڭدەك خىتاينى مۇھىم ھەمكارلىق ئورنىغا قويغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. دوكتور خەمىدوۋنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى بىر سەۋەب، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ تېخى ھوقۇقنى قولغا ئالغانلىقىغا ئۇزۇن بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئەمما، خىتاي بەرىبىر رايون ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن قانداق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى يەنە قازاقىستاندىنمۇ ياردەم تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تۈركىيە ھەم باشقا مەملىكەتلەردىنمۇ ياردەم تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مەۋجۇت.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېۋ بولسا، ئاستانانىڭ باقىيېف بىلەن يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ۋاسىتىچى بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرگەن. پەرەزلەردىن قارىغاندا، باقىيېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن قېلىش مەسىلىسى بويىچە يېڭى ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا بەلكى ئاستانادا سۆھبەت بولۇشى مۇمكىن، باقىيېف ئاستانادىن بۇنى تەلەپ قىلغان.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە رۇسىيىگە تايىنىش خاھىشلىرى كۈچلۈكرەك

دوكتور ئەلىشىر خەمىدوۋنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى ھەر خىل پارتىيە ۋە ھەر خىل پىكىردىكى ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە تەرەپدارلىرى، غەرب تەرەپدارلىرىمۇ بار. ھازىرچە قايسى گۇرۇھ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن، ئۇلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ، رۇسىيىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، رۇسىيىگە مۇراجەت قىلىشى مەزكۇر ھۆكۈمەت تەركىبىدە رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، رۇسىيىدە كۆپ ساندا قىرغىزىستانلىقلار تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بىراق، ئەلىشىر خەمىدوۋ يەنە، "ئەگەر قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كەتسە، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىياتقا زىيانلىق، چۈنكى، رۇسىيىدە ھاكىممۇتلەقلىق خاھىشلىرى ئېغىر، ئەمما ئامېرىكا باشلىق غەرب بىلەن يېقىن ھەمكارلاشسا، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىيىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق جەمئىيەتكە ئايلىنىشىغا پايدىلىق،" دەپ قارايدۇ.

بۇ قېتىم يەنە قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق قىرغىزىستان باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ھەمدە ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋالىيلىرىنى تەيىنلەپ، ئومۇمىي يۈزلۈك كونتروللۇق قىلىشقا تىرىشماقتا. 2005 - يىلىدىكى مارت ئىنقىلابىدا قۇرمانبېك باقىيېف تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن موسكۋا قېچىشقا مەجبۇر قىلىنغان سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ 12 - ئاپرىل كۈنى ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

15 - ئاپرىل كۈنى پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات ساۋدابايېۋنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، باقىيېف رەسمىي ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىتري مېدۋېدېۋ ۋە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ياۋروپا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە قىرغىزىستاندىن ئايرىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۇ قازاقىستانغا يېتىپ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.