قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر زەربىگە ئۇچرىماقتا

يېقىندا قىرغىزىستاندىكى بىر ھەربىي سوت مەھكىمىسى پرېزىدېنت باقىيېفنىڭ ئۆكتىچىلىرىدىن، قىرغىزىستاننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمايىل ئىسساقوفنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى باقىيېفنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئەيىبلەپ، سوتنىڭ ئىسساقوف ئۈستىدىن چىقارغان قارارىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر تۈرلۈك توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.