قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق مەركىزى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر نامزاتلىرىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىدى

بۇ يىل 10 ‏‏- ئۆكتەبىردە قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سايلام قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتتىن، پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە كۆچۈش باسقۇچىدىكى مۇھىم سايلامدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى سايلامدا بەزى ئۇيغۇرلار سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئوخشاش سىياسىي گۇرۇھلار نامىدىن ئۆزىنى نامزاتلىققا قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سايلامدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قايسى پارتىيىگە ئاۋاز بېرىشكە يېتەكلەش قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپى.

23 ‏- چېسلا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى مەركىزى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، سايلامغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر نامزاتلىرىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئاۋاز بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.