قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى

10 - ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا سايلامغا قاتناشقان 29 پارتىيىدىن 5 پارتىيە سايلام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە سايلىغۇچىلارنىڭ 5% دىن كۆپرەك ئاۋازىغا ئېرىشىپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پارلامېنىتنى تۈزەيدىغان پارتىيىلەردىن بولۇپ قېلىشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺕ
2010-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺋﻮﺗﯘﻧﺒﺎﻳﯧﯟﺍ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺋﻮﺗﯘﻧﺒﺎﻳﯧﯟﺍ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺗﺎﺷﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بۇلارنىڭ ئىچىدە، "ئاتا يۇرت" پارتىيىسى پارلامېنتتا 28 ئورۇنغا، "سوتسىيال دېموكراتلار"پارتىيىسى 26 ئورۇنغا، "ئار - نومۇس"پارتىيىسى 24 ئورۇنغا، "رېسپۇبلىكا" پارتىيىسى23 ئورۇنغا، سايلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ زور قوللىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن "ئاتا ماكان" پارتىيىسى بولسا 19 ئورۇنغا ئېرىشتى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ سايلامدا "سوتسىيال دېموكراتلار" پارتىيىسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، بۇ پارتىيىنىڭ تىزىملىكىدە 15 - ئورۇندا تۇرغان ئۇيغۇر يىگىتى تۇرسۇنتاي سەلىموف پارلامېنت ئەزالىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
 
قىرغىزىستاندا پارلامېنتلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سايلامغا چەت ئەللەردىن كەلگەن 850 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچى قاتناشتى.

ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ كۆزەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسى بىلەن كوللىكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا، بەزىبىر ئىنتىزام بۇزۇشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سايلامنىڭ ئومۇمەن ئادىللىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىراق، قىرغىزىستاندىكى ئومۇمىي سايلىغۇچىلارنىڭ ئارانلا 56%نىڭ سايلامغا قاتناشقانلىقى، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئاھالىنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆزبېكلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ سايلامغا قاتناشمىغانلىقى ھەمدە ھازىرغىچە توختىماستىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ چەت ئەللەرگە كېتىۋاتقانلىقى بۇ قېتىمقى سايلامدا دىققەت قوزغىغان بىر نۇقتا بولۇپ قالدى.        
 
بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا، قۇرمانبېك باقىيېف ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن "ئاقيول" پارتىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان "ئاتا يۇرت" پارتىيىسىنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ ھەممىدىن كۆپ ئاۋازىغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدا قۇرمانبېك تەرەپدارلىرىنىڭ يەنىلا خېلى زور سالماقنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقىنى شۇنداقلا 7 - ئاپرېلدىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرمانبېك ھاكىمىيىتىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش كۈرىشىنىڭ ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىنى، كونا ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى قولىدىكى غايەت زور ئىقتىسادى بايلىقنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.         
 
بۇ قېتىمقى سايلامدا ھېچقايسى پارتىيىنىڭ پارلامېنتتا 50%تىن كۆپرەك ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى، يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈشتە بىر قانچە پارتىيىنى ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەمكارلاشقان پارتىيىلەر ئارىسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىقى ۋە ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنى تالىشىش كۈرىشى، ھۆكۈمەتتىن ئورۇن ئالالمىغان پارتىيىلەرنىڭ پارلامېنتتا ئۆكتىچى پارتىيىلەرگە ئايلىنىشى ھەمدە قىرغىزىستاندا پارلامېنتلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا قارشى پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقان رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا بىرىنچىلەردىن بولۇپ پارلامېنتلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان بۇ كىچىككىنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، بۇ دۆلەتنى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىدىغان ھۆكۈمەت كرىزىسى پاتقىغىغا پاتۇرۇپ قويۇشى شۇنداقلا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنىغا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن.
 
تەھلىلچىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن "ئار - نومۇس" پارتىيىسى بىلەن غەربپەرەس "ئاتا ماكان" پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى، ھەر ئىككى تەرەپ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى باشقا پارتىيىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىشى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن يەڭ ئىچى سودىسى ئەۋج ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خىل كۆز قاراشنى قوللىغۇچىلار قىرغىزىستاننىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كۈرىشىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن پايدىلانغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش قەدىمىنى تىزلىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت