پروفېسسور زەيتۇنخان پرېزىدېنت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

بېشكەك شەھىرىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر سەنئەتچى پروفېسسور زەيتۇنخان ئەزىزىۋا قىرغىزىستاندا مۇزىكا تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى داۋامىدا دۆلەت مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان ئۇيغۇر قىزى.

0:00 / 0:00

پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى پروفېسسور ئەزىز نارىنبايىفنىڭ قىزى بولغان زەيتۇنخان خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا فېستىۋاللىرى ۋە تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ھەمدە كۆپلىگەن مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ھەمدە قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ پەخرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.