ئازات قاسىم ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇيغۇرلار ئاچقان بازارلارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن دۇكانلار ئېچىلىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ نورمال تىجارىتىنى باشلىغانلىقىنى، بىر قىسىم تۈركلەرنىڭمۇ دۇكانلىرىنى ئېچىپ تىجارىتىنى باشلىغانلىقىنى، ئەمما خىتايلار ئاچقان دۇكانلار تېخى تىجارىتىنى باشلىمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئازات قاسىم ئەپەندى يەنە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىكىدىن ئىئانە توپلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ساقچىلارنىڭ 24 سائەت تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، ئومۇمەن شەھەردە تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئازات قاسىم بىلەن قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.