كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزەمدۇ؟

نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىرلىكتە قارار ماقۇللاش ھەتتا قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر پەرەزلەر سىياسىي گۇرۇھ ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن پەرەز قىلىنماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.04.27
SHANGXEY-6-305 ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ 6 ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ.
AFP Photo

ھەقىقەتەن بۇ خىل ئېھتىماللىق بارمۇ ؟ ئۇيغۇر سىياسىي تەتقىقاتچىلىرى ۋە قىرغىز ئۆكتىچىلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، قىرغىزىستان ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە قارار چىقىرىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى ياۋرو - ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىمۇ ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى سىنان ئوگان ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن، خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە قارىتا ئوخشىمايدىغان قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە قارار ماقۇللاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن قىياس قىلىنماقتا.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ، يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر باش كاتىپلىرىنىڭ تاشكەنتتە يىغىلىپ، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ھەمدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈش مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىرغىزىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قارارلارنى ماقۇللاش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر قىسىم سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، قىرغىزىستانغا ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈش قارارى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەگەر قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈلسە، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە يول ئېچىش بىلەن بىرگە، شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئىلگىرى قىرغىزىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاۋسترىيىگە بېرىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان مەشھۇر قىرغىز ئۆكتىچىسى رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېڭى ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئېلىش تەكلىپى بىلەن قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى، بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقى مەسىلىسى توغرىسىدا خەۋىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇنى بېسىقتۇرۇشقا تامامەن كۈچى يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى سۆزىدە يەنە: "بىر ئۆكتىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋاقىتلىق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئويلايمەن، بۇ مېنىڭچە ئەڭ توغرا ئىش، ئەمما ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ " دەيدۇ.

رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.

مەتبۇئاتلاردا يەنە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىشكەك ماناستىكى ئافغانىستانغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يەتكۈزۈش مەركىزىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى شۇنىڭدەك باقىيېفنىڭ قىرغىزىستاندىن كېتىشىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ۋاسىتىلىق رول ئوينىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكىدىكى جون ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەلىشىر خامىدوۋ ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستاندا ئىچكى ئۇرۇش بولۇش مۇمكىن ئەمەسلىكى، چۈنكى جەنۇب تەرەپلەردىكى خەلقلەرنىڭ قۇرمانبېك باقىيېفنى قوللىمايدىغانلىقى، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇ جايغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ھاجىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.