0:00 / 0:00
" ئاسابە " پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئازىمبەك بېكنازوروۋ بولۇپ، ئۇ قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ پارلامېنتنى ئۆزى كونترول قىلغانلىقى، قىرغىزىستاندا ئىنسان ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ كوپ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئۆكتىچىلەر قانداق قىلغاندا قىرغىزىستاننى گۈللەندۈرۈش پىكىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە توققۇز تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ئورۇندىمىسا، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندىنىڭ مەزكۇر مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.