قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق يەنىلا داۋام قىلماقتا

قىرغىزىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، سابىق پرېزىدېنت باقىيېفنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى ۋە ھوقۇقنى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىغا بىر ئاي بولاي دەپ قالدى. لېكىن قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق يەنىلا داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېشكەك شەھەر يېنىدىكى مايۇفكا يېزىسىدا ياشايدىغان رۇسلارنىڭ تۇرالغۇ جايى قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مايۇفكا يېزىسىغا ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.