قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەردى

5 ‏- ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە "ماكان بايرىقى" پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىسى ھۇرمات بارقىتئابباسۇفنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەتتىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺕ
2010-08-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 5- ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، "ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ" ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﻫﯘﺭﻣﺎﺕ ﺑﺎﺭﻗﯩﺘﺌﺎﺑﺒﺎﺳﯘﻑ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 5- ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، "ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ" ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﻫﯘﺭﻣﺎﺕ ﺑﺎﺭﻗﯩﺘﺌﺎﺑﺒﺎﺳﯘﻑ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

ھۇرمات بارقىتئابباسۇف "ماكان بايرىقى" پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، 2005-يىلى 5-ئىيۇندا ھاكىمىيەتنى زورلۇق كۈچى بىلەن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان، دېگەن گۇمان بىلەن قۇرمانبېك باقىيېف ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، قازاقىستانغا قېچىپ كېتىپ، شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. باقىيېف ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز يۇرتى بولغان ئىسسىقكۆل ئوبلاستىنىڭ بېلىقچى شەھىرىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.
 
پارلامېنت بىناسى ئالدىغا توپلانغان 3000 ئارتۇق نامايىشچى ھۇرمات باقىتئابباسۇفنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساقچى قىسىملىرى بىشكەك شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى قەنت-بىشكەك يولىنى قامال قىلىپ، ھۇرمات بارقىتئابباسۇف ۋە ئۇنىڭ 700 ئارتۇق قوللىغۇچىلىرىنى ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى.
 
پرېزىدېنت ئوتۇنبايىۋانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ھۇرمات بارقىتئابباسۇف بىلەن سۆزلىشىشكە بارغان پرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى توپچىبېك تۇرغۇنئەلىيىفنىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھۇرمات بارقىتئابباسۇف ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە، بىشكەكتە خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش، ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ھەمدە ئۆزىنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
ساقچى تەرەپ بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى سۆزلىشىش نەتىجىسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر چامىسىدا ساقچى تەرەپ نامايىشچىلارنى قورال كۈچى بىلەن تارقىتىشقا كىرىشتى. كۆزدىن ياش ئاققۇزۇدىغان بومبا ۋە ئاپتوماتلاردىن ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىلغان ئوقلار نەتىجىسىدە، ھۇرمات بارقىتئابباسۇف ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى قېچىشقا مەجبۇر بولۇشتى.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ كەچكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، قوراللىق قىسىملار تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھۇرمات بارقىتئابباسۇف ۋە ئۇنىڭ 27 نەپەر ئەگەشكۇچىسىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان قورال-ياراقنى ئىسسىق ئاتا رايونىدا قولغا چۈشۈرگەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قۇۋەتبېك بايبولۇف تېلېۋىزىيىدە سۆز قىلىپ خەلقنى تىنچلىقنى ساقلاشقا، ئېغۋاگەرلەرگە ئالدانماسلىققا چاقىردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1500 نەپەر قوراللىق ساقچى ۋە 7000 كىشىلىك خەلق قوشۇنلىرىنىڭ بىشكەك شەھىرىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كەچ سائەت 8 دىن باشلاپ شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا چارلاش ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۈگۈنكى نامايىش سەۋەبىدىن بىشكەك شەھرىدىكى بازارلار ۋە سودا سارايلىرىنىڭ بالدۇرلا تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نۆۋەتتە شەھەرنىڭ تىنچلىقى ئاساسەن ئەسلىگە كەلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت