خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى قىرغىزىستاننىڭ خوشنىلىرىنى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىن دەرس ئېلىشقا چاقىردى

خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادا زور قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلقئارالىق تەرەپسىز تەشكىلاتتۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە 17 دۆلەتتە ئىشخانىسى بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يىللاردىن بېرى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىغا دۇنيادا يۈز بەرگۈسى چوڭ ۋەقەلەر ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ تەشكىلات تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، قوشنا دۆلەتلەرنى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىن دەرس ئېلىشقا چاقىرغان.

خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى، تۈنۈگۈن ئامېرىكا پارلامېنتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ قىرغىزىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىن دەرس ئېلىشقا چاقىردى. مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستاندا قانلىق توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر قىرغىزىستانغا خوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت. ئەگەر بۇ دۆلەتلەر، قىرغىزىستاندىن دەرس ئالمىسا، قىرغىزىستاندىكىگە ئوخشاش ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى.

مۇتەخەسسىسلەر قىرغىزىستاندىكى باقىيېف ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ؛ باقىيېف ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەتنى ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا بۆلۈشىۋالغانلىقىنى، بولۇپمۇ باقىيېفنىڭ ئوغلى ماكسىم ۋە ماراتنىڭ قىرغىزىستاندىكى مەنپەئەتدار ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېيىش ۋە قۇدرەت تېپىش كويىغا چۈشكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە باقىيېف ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ خىتاي، رۇسىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئېقىپ كىرىشىگە كۆز يۇمغانلىقىنى، باقىيېف پەرزەنتلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنى شەخسىي مۈلكى ئورنىدا بازارغا سېلىپ، قىرغىزىستان خەلقىنى سوتكىلاپ ئېلېكتىرسىز قويغانلىقىنى، يەنە باقىيېف ھۆكۈمىتىنىڭ ئوكتىچىلىككە يول قويمىغانلىقىنى، تەرەپسىز ئاخباراتنى چەكلىگەنلىكىنى، سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا يول قويمىغانلىقىنى؛ بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستان خەلقى ئۆز نەپرىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق يول تاپالمىغاندىن كېيىن، زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتىدا سابىق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىكى مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قوشنا دۆلەت رەھبەرلىرىنى نەپسانىيەتچىلىكتىن ۋاز كېچىشكە ۋە دېموكراتىيىلىشىشكە قاراپ تېزدىن يۈزلىنىشكە چاقىردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتى سودا ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈكتۇر. بۇ مەنپەئەت پەقەت رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن كاپالەتكە ئىگىدۇر. مۇتەخەسسىسلەر غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىدىكى كۆرۈنۈشتىكى مۇقىملىققا ئىشىنىپ قالماسلىقى، جەمئىيەتتىكى يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ھەر ۋاقىت كۆزدە تۇتۇشى، خەلق ھىمايىسىگە ئېرىشمىگەن ھۆكۈمەتلەرنى قوللىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇلارنى دېموكراتىيىلىشىشكە يېتەكلەشكە چاقىردى.

تۈنۈگۈنكى يىغىننىڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامىي رادىكالىزمنىڭ تەسىرى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامىي رادىكالىزمنىڭ تەھدىت دەرىجىسىگە كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئىسلامىي رادىكالىزمنىڭ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك بار يەردە ئاسان راۋاجلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بەرمىسە، رادىكال ئىسلامنىڭ پات يېقىندا باش كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە دوكلاتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قوراللىق قارشىلىقنى تەشەببۇس قىلمايدىغان دىنىي گۇرۇپپىلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلدى. بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ، قىرغىزىستاندا يىللاردىن بېرى چەتكە قېقىلغان دىنىي زاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ تەشۋىق قىلغان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ھىزبۇ تەھرىر، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە تەبلىغى جامائەت قاتارلىق 3 تەشكىلاتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تېخى تەھدىت دەرىجىسىگە كەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، ئامېرىكىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ ئادىل بولۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىشقا، قىرغىزىستاندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە قىرغىزىستان خەلقىغە مەلۇمات بېرىشكە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە، قىرغىزىستاندا مۇستەقىل ئاخبارات ۋە مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە يول كۆرسىتىشكە چاقىردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنى يالغۇز قىرغىزىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ يېقىن ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.