بېشكەكنىڭ سىرتىغا توغرا كېلىدىغان مايوفكا مەھەللىسى ئاخىسكا تۈركلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۆي ۋە يەرلەرنىڭ ئىگىلىرىمۇ ئاساسەن شۇلار ئىدى. ئاخىسكا تۈركلىرى گرۇزىيىنىڭ ماشەت رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە بېرىلگەن ئىسىم بولۇپ، ئۇلار "ماشەت تۈركلىرى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 900 مىڭ ئەتراپىدا بولغان ئاخىسكا تۈركلىرىنى 1944 - يىلى ستالىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلغان بولۇپ، ئاخىسكا تۈركلىرى ھازىر قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلاردا ياشىماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆي ۋە جايلىرى مىڭدىن ئوشۇق قىرغىزنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇش 6 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان. تاش - توقماقلار بىلەن قوراللانغان قىرغىزلار ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغان، ئۆيلىرىگە ئوت قويغان. يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقونۇشلاردا ھازىرغىچە بىر كىشى ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاخىسكا تۈركلىرى ھازىر قوشنا مەھەللىلەرگە قېچىپ بارغان. قىرغىزلار قورشاۋغا ئېلىۋالغان مەھەللىلەرگە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستاندىن بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، قىرغىزىستان دائىرىلىرى ۋەقەنى كونترول قىلىش ئۈچۈن توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونغا 600 دىن ئارتۇق ساقچى يۆتكىگەن. بېشكەك شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەيسا ئومۇركۇلوف قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ بېشكەك ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۆي - ماكانسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ، دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە "بۇ كىشىلەر چوقۇم جازالىنىدۇ" دەپ ۋەدە بەرگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئابادتىمۇ قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان مىڭدىن ئوشۇق كىشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ھازىرقى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ۋە "قۇرمانبېك باقىيېف قايتىپ كەلسۇن"دەپ تەلەپ قىلغان. باقىيفنىڭ قوللىغۇچىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ھېلىھەم ئۇلارنىڭ قولىدا ئىكەن.
قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردە ساقچىلارنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىز كەپقالغانلىقى بىر ھەقىقەت بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە باتىكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ كىشىلەر ھۆكۈمەتتىن دەرھال دۆلەتتە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنى، خەلقنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. يەكشەنبە كۈنى بېشكەك شەھىرىدە يەنە ساقچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 4 - ئاينىڭ 6 - ۋە 7 - كۈنلىرىدىكى خەلق نامايىشلىرىدا 765 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ئېلان قىلغان باياناتىدا، "بىز بۇ شەھەردىكى ئوغرى - يانچۇقچى، قارا گۇرۇھلار ۋە قاتىللارنى بىر تەرەپ قىلايلى، سىلەر ئىنقىلابقا بىزنى ئارىلاشتۇرۇۋالماڭلار" دېگەن.
ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندا ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ھۆكۈمەت قالايمىقانچىلىقلارنى كونترول قىلالمىغانلىقتىن خەلق ئاممىسى ئۆز ئالدىغا قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان. قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان ئۆزبېكلەرمۇ بۇ قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەشكىللىنىشكە باشلىغان.
قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى روزا ئوتۇنبايېۋا قۇرمانبېك باقىيېف ۋە ئۇنىڭ يانداشلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا 84 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى، شۇڭا قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ بۇندىن ئىلگىرىمۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرگە قۇرمانبېك باقىيېفنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدى.
قۇرمانبېك باقىيېف ئىستىپانامىسىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن قازاقىستانغا كېتىپ پاناھلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى ئاسقار ئابدۇراخمانوف مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ 16 - ئاپرېل كۈنى قازاقىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى ئەمما ئۇنىڭ قايسى دۆلەتكە كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
بىر قانچە كۈندىن بېرى بىلۇرۇسىيە دۆلەت باشلىقى ئالىكساندىر لۇكاشەنكو قۇرمانبېك باقىيېفنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنى دۆلىتىگە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئىدى. ئەمما قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ زادى قەيەرگە كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلۇروسىيىگە بارغان - بارمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
كۈزەتكۈچىلەر ھازىر قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت دەرھال بىر تەدىبر ئالمىغان تەقدىردە ئېغىر ئىچكى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.