قىرغىزىستان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى پرىزىدېنت ئاتامبايىفنىڭ 10 - دىكابىردىكى تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن بىر ھەپتىدىن بۇيان پارلامېنتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۈگۈن، رىسبۇبلىكا، ئاتا ماكان ۋە ئار - نامۇس پارتىيىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. رىسبۇبلىكا پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئۈمۈربېك بابانۇف بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
43 ياشلىق ئۆمۈربېك بابانۇف قىرغىزىستاننىڭ سىياسى سەھنىسىدىكى ئىسلاھات تەرەپدارلىقى بىلەن تونۇلغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئالماسبېك ئاتامبايىف باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتتە بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، خەلق ئارىسىدا ئاتامبايىفنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى دېگەن نامى بار. ئۇ يىتەكلىگەن رىسبۇبلىكا پارتىيىسى 7 - ئاپرىل ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاتامبايىف باشچىلىقىدىكى قىرغىزىستان سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، مەملىكەت ئىچىدە ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۇرۇنقى پرىزىدېنت قۇرمانبېك باكىيىف دەۋرىدە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەخپىي ھالدا سېتىۋىتىلگەن كۆمۈر كانلىرىنى مەملىكەتكە قايتۇرىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. تاشقى سىياسەتتە ئۇ ئاتامبايىفنىڭ رۇسىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش،رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تامۇژنا - باج ئىتتىپاقىغا كىرىش ئارقىلىق تاشقى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردە خىتايغا بىقىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش تەشەببۇسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى.
ئۆمۈربېك بابانۇف بۈگۈن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللىتىش مەقسىتىدە ھازىرقى يىگىرمىدىن ئارتۇق مىنىستىرلىقنى 15 كە قىسقارتىدىغانلىقىنى، مائارىپ،سەھىيە، تامۇژنا، ئەدىلىيە قاتارلىق ئورگانلاردىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا قانۇن ئاساسىدا قاتتىق چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى، يىزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە كىلەر يىلدىن باشلاپ دېھقانلارغا 7%لىك يەڭگىللىتىلگەن ئۆسۇم بىلەن قەرز بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى پارلامېنت يىغىنى يەنە ئەسلىدىكى پارلامېنت باشلىقى ئەخمەتبېك كەلدىبېكنىڭ ئورنىغا ئاسىلبېك جىيەنبېكنى يېڭىدىن پارلامېنت باشلىقلىقىغا سايلىدى. ئەخمەتبېك كەلدىبېك ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت مالىيىسىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرگەنلىكى، قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان جىنايەتچى گۇرۇھنىڭ باشچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ پاش بولۇشى سەۋەبىدىن 14 - دىكابىردا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.