2003-يىلدىكى قىرغىزىستان ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلگۈچىلەر ھەققىدە تولۇقلىما ئۇچۇرلار

2003-يىلى 26-مارت كۈنى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ھەم ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەن كىشىلەر ھەققىدە، ئەينى چاغدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

2003-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ھەم ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىگە 8 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋەقە ھەققىدە كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل پەرەز ‏- قىياسلار ئېقىپ يۈرمەكتە. ئەينى يىلى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋەقەنىڭ بىر قېتىملىق تېررورلۇق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، قاتىللارنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنئى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىملىكى ھەم بۇلانغان پۇلنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئازاد رادىئوسىنىڭ 2003-يىل 27-مارت كۈنىدىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانى بېرىلىپ، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 19 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئاپتوبۇسنىڭ قىرغىزىستاننىڭ كوچكور(كالاشنىكوۋ) دېگەن يېرىدە كەچلىك تاماق ئۈچۈن توختىغىنىدا، بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئاپتوبۇسنىڭ 27-مارت سەھەردە كوچكور بازىرىدىن يىراق بولمىغان يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول بويىدا بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان خەلق تورىنىڭ 2003-يىل 29-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 21 نەپەر جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكى،، ۋەقەنىڭ بىشكەك شەھىرىدىن 263 كىلومېتىر كېلىدىغان كالاشنىكوۋ دېگەن جاينىڭ تاغ ئارىسىدىكى بىشكەك-تورغات تاش يولىدا يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاپتوبۇس ئىچىدىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان ھالەتتە ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئاپتوبۇس بىلەن بىللە كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ يولۇچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە د ن ئا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىمۇ بىشكەكتىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىدىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ۋەقە ھەققىدىكى نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار يەنىلا جاۋابسىز قالغان.

8 يىل ئىلگىرى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈلۈش ھەم ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئەرلىرى ھەم ئوغۇللىرىدىن ئايرىلغان تۇرسۇنگۈل خانىم قاتارلىقلار، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھەم ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ ماڭغان پۇلنىڭ سانى ھەققىدە رادىئومىزنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۇلارغا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا 19 كىشىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپەر خىتاي تىجارەتچى، 11 نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچىدىن باشقا، ئاپتوبۇس شوپۇرى ھەم مۇلازىمەتچىلەردىن 3 ئۇيغۇر، بىر موڭغۇل بار ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن قىرغىزىستانغا تىجارەت قىلىشقا چىققان 4 نەپەر خىتاي سودىگەرنىڭ ئائىلىسىگە ھەر بىرىگە 400 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قەشقەر خەلقئارا ئاپتوبۇس كالونىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن شىرزات، توختاخۇن قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ھەم بىر موڭغۇل قاتارلىق شوپۇر ھەم باشقا خادىملىرىنىڭ ئائىلىسىگە 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما 11 نەپەر ئۇيغۇرتىجارەتچىنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرى ھەم بېقىمسىز قالغان ئاتا-ئانىلىرىغا ئەينى چاغدا 5000 يۈەن دەپنە پۇلى بېرىلگەندىن باشقا ھېچقانداق تۆلەم پۇلى بېرىلمىگەن.

مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ، ئۆلتۈرۈلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچى قەشقەر ھەم ئاتۇشلۇق رەخت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللنىنىدىغان سودىگەرلەر بولۇپ، ئاتۇشتىن ئالىمجان جۈرئەت، غالىپ نىياز، ئابدۇخېلىل جېلىل، تۇرسۇن ھاجى، ئەركىن ئەمەت قاتارلىق بەشەيلەن، قەشقەردىن مۇختەر مامۇت، ئالىمجان ئابدۇراخمان، ئېلى تۇردى، ئەركىن سابىر، غوپۇرجان قۇربان، مۇھەممەت پاتى ئەسقەر قاتارلىق ئالتە نەپەر تىجارەتچىنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرى ھەم بېقىمسىز قالغان ئاتا-ئانىلىرى بولۇپ 11 كىشى سەككىز يىلدىن بۇيان ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپتوبۇستا بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ يېنىدا قانچىلىك پۇل بارلىقى ھەم بۇ پۇللارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.

تۇرسۇنگۈل خانىم ھەم مۇنەۋۋەر خانىملار يەنە شۇ قېتىم بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ھەر بېرىنىڭ چاماداندا ئېلىپ ماڭغان پۇللىرىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا، ئىككى مىليون دوللار، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ دوللاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرسۇنگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى چاغدا ئېرى غالىپ نىياز يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، يېنىدا 100مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇلنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، يەنە ئىككى كاماز ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلانغان رەختنىڭ پۇلى نېسى قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان تۇرۇقلۇق، سەككىز يىلدىن بۇيان ئۇلارغا بىر سېنتمۇ تۆلەم بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە ۋەقەدىكى قاتىللارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمەسلىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ھەم غەزەپلەندۈرگەن.

بۇ ھەقتە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تۇرسۇنگۈل خانىم ھەم مۇنەۋۋەر خانىملار ئۆزلىرىنىڭ سەككىز يىلدىن بۇيان، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئەينى چاغدا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بېسىلغان شىنجاڭ گېزىتىنى ئەرز ماتېرىياللىرى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئادىللىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.